خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئىران تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ زور دەرىجىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان كېلىشىمنىڭ زور دەرىجىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ۋە يېقىنقى مەزگىلدە تولۇق نەتىجىلىنىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
ترامپ ئىران تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ زور دەرىجىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى
ترامپ ئىران تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ زور دەرىجىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى / Reuters

ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان كېلىشىمنىڭ «زور دەرىجىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ۋە ئاخىرقى ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشى كۈتۈلىۋاتقانلىقىنى» ئاشكارىلىدى.

ترامپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ تارىخىي كېلىشىمنىڭ ئامېرىكا، ئىران ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ: «ئامېرىكا ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە باشقا تۈرلۈك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىر كېلىشىم زور دەرىجىدە مۇزاكىرە قىلىندى، پەقەت ئاخىرقى ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشىلا قالدى» دېدى.

كېلىشىمنىڭ ئاخىرقى ئامىللىرى ۋە ئىنچىكە نۇقتىلىرىنىڭ ھازىرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ: «كىلىشىمنىڭ باشقا نۇرغۇن ماددىلىرىغا قوشۇمچە قىلىنغان ھالدا ھورمۇز بوغۇزى ئېچىلىدۇ» دېدى.

رايون خاراكتېرلىك كېلىشىم تىرىشچانلىقى

ئامېرىكا پېرىزىدېنتى، مەۋجۇت كېلىشىم قەدەملىرىنى بىر قانچە رايون رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ۋە بۇ سۆھبەتنى «ئىنتايىن ياخشى بىر ئۇچرىشىش» دەپ سۈپەتلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپنىڭ يەتكۈزۈشىچە، بۇ دىپلوماتىيەلىك سۆھبەتلەرگە تۈركىيە، سائۇدى ئەرەبىستان، قاتار، پاكىستان، مىسىر، ئىيوردانىيە، بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى (BAE) ۋە بەھرەيندىن يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقان.

ئامېرىكا مەركەزلىك خەۋەر ئورگىنى «ئاكسىيوس» (Axios)، ئىچكى بىر مەنبەگنى ئاساس قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئورتاق كۆرۈشۈشكە قاتناشقان بارلىق رايون رەھبەرلىرىنىڭ ترامپقا كېلىشىم يۆنىلىشىدە ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك چاقىرىقلاردا بولغانلىقىنى يەتكۈزدى.

مەنبەنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، رايون رەھبەرلىرىدىن كەلگەن ئورتاق ئۇچۇر ئۇرۇشنى توختىتىشنىڭ پۈتكۈل رايوننىڭ مۇتلەق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇر ئىكەنلىكى يۆنىلىشىدە بولغان.

بۇ دىپلوماتىيەلىك بۇرۇلۇش، واشىنگتون ۋە تېھران ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پاكىستاننىڭ ۋاسىتچىلىقىدا تەكلىپ ۋە قايتۇرما تەكلىپلەرنى ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بىر مۇساپىسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىسلامئاباد يېتەكچىلىكىدىكى سۆھبەتلەر، ئىنتايىن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىغا ئائىت شەرتلەرگە، تېھراننىڭ يادرو پىلانىغا قارىتىلغان ئەندىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە ئۆزئارا ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بىر قېلىپ قۇرۇپ چىقىشقا مەركەزلەشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran, Pakistan, US report progress in talks as Tehran drafts framework
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى