غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا غەززەدە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 30 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
پەلەستىن مەنبەلىرى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي داۋاملىشىۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىدا، ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا غەززەدە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 30 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا غەززەدە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 30 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى

پەلەستىن سەھىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، تۆت بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. غەززە شەھىرى، خان يۇنۇس ۋە مەركىزىي رايوندىكى ئەززۇۋەيدە يېزىسىنى نىشان قىلغان بۇ ھۇجۇملاردا، ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەرنىڭ چېدىرلىرى، ئاممىۋى سورۇنلار ۋە بىر ئاپتوموبىل زەربىگە ئۇچرىغان.

غەززە شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ئەششىفا دوختۇرخانىسى مەنبەلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئەسسافتاۋى مەھەللىسىدىكى بىر پۇقراۋى ئاپتوموبىلنى نىشان قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە بىر پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ، بىرنەچچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەششىفا دوختۇرخانىسى ئەتراپىدىكى ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە تىكىلگەن چېدىرغا ئىسرائىلىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان 50 ياشلىق مۇھەممەد خادىر ئاججۇر ئىسىملىك پەلەستىنلىكمۇ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى غەززە شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونغا تىكىلگەن چېدىرنىمۇ نىشان قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئىككىسى ئېغىر ئون پەلەستىنلىك يارىلاندى. غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇسنىڭ ئەلمەۋاسى رايونىدا، پەلەستىنلىك مۇساپىرلار پاناھلىنىۋاتقان چېدىرغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، يەتتە كىشى يارىلاندى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىشى سەۋەبىدىن، دۈشەنبە كۈنىگىچە ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 1 مىڭ 372 گە، يارىلانغانلار سانى 4 مىڭ 659 غا يەتكەن. مىنىستىرلىق يەنە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا جەمئىي 73 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 174 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى