سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
كانادا ئامېرىكاغا بولغان مۇداپىئە بېقىندىلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن ياۋروپا بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
كانادا - ياۋروپا ئىتتىپاقى سۆھبەتلىرى كانادانىڭ ياۋروپادىن تېخىمۇ كۆپ مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى، بولۇپمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىۋېلىشقا مەركەزلەشتى.
00:00
كانادا ئامېرىكاغا بولغان مۇداپىئە بېقىندىلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن ياۋروپا بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
كارنېي كانادانىڭ تەمىنلەش مەنبەلىرىنى خىلمۇخىللاشتۇرۇشنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. / AP

كانادا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بولغان بىخەتەرلىك بېقىندىلىقىنى ئازايتىش مەقسىتىدە بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى تەشەببۇسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. بۇ سۆھبەتلەر ياۋروپادىن تېخىمۇ كۆپ مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى، بولۇپمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىۋېلىشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى بۇ ئەھۋالنى جەزملەشتۈردى.

چارشەنبە كۈنى ئىسمىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقى شەرتى بىلەن بايانات بەرگەن مەزكۇر ئەمەلدار، پىلاننىڭ كانادادا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىشلەپچىقىرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سودا ئۇرۇشى قوزغىغان ۋە بۇ دۆلەتنى ئامېرىكانىڭ 51- ئىشتاتىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان بىر پەيتتە، كانادا باش مىنىستىر مارك كارنېي مۇداپىئە مىنىستىرى بىل بلېيرغا «ئۆزگىرىۋاتقان شارائىتنى نەزەردە تۇتقان ھالدا» ئامېرىكانىڭ F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى.

كارنېي كانادادا تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىنىڭ بىر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋېتسىيەنىڭ سائاب شىركىتى سائاب گىرىپېن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكىلىق ئاسراش ئىشلىرىنىڭ كانادادا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

كارنېي كانادانىڭ تەمىنلەش مەنبەلىرىنى خىلمۇخىللاشتۇرۇشنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كانادانىڭ ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھۆددىگەرلىك شىركىتى لوكھىد مارتىن بىلەن تۈزگەن F-35  توغرىسىدىكى كېلىشىمى داۋاملاشماقتا، بىراق ئوتتاۋا پەقەت دەسلەپكى 16 ئايروپىلان ئۈچۈنلا قانۇنىي مالىيەلەشتۈرۈش ۋەدىسى بەردى. كانادا ئىككى يىل ئىلگىرى 88 دانە F-35 سېتىۋېلىشقا ماقۇل بولغان ئىدى، ئەمما بۇ ئەمدى ئەمەلگە ئاشمايدىغاندەك قىلىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىش

چارشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ياۋروپادىن سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان «تەييارلىق 2030» بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىستراتېگىيە ئاساسلىقى ياۋروپالىق تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ھەمدە بەزى ئەھۋاللاردا باھالارنى تۆۋەنلىتىش ۋە بۇيرۇتمىلارنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ياردىمى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

دۆلەتلەر پەقەت چىقىم، ئۈنۈم ياكى تەمىنلەش كېچىككەن ئالاھىدە ئەھۋاللاردىلا چەت ئەلدىن ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشى كېرەك.

يېقىنقى يىللاردا، 27 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان بۇ ئىتتىپاق بۇيرۇتمىلىرىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككىسىنى ئامېرىكا مۇداپىئە شىركەتلىرىگە بەردى. يېڭى قەرز پۇللىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كەم دېگەندە %65ىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى، نورۋېگىيە ياكى ئۇكرائىنادىكى تەمىنلىگۈچىلەردىن سېتىۋېلىشى شەرت قىلىنىدۇ.

شىۋېتسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان سائاب گىرىپېن ھەربىي ئايروپىلانى شىۋېتسىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، ۋېنگىرىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، بىرازىلىيە ۋە تايلاندنىڭ ھەربىي كۈچلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەكتە.

ئۆتكەن ئايدا ترامپ ھۆكۈمىتى ياۋروپالىقلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئىشلىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. فىرانسىيە بولسا «ياۋروپادىن سېتىۋېلىش» يولىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

سەيشەنبە كۈنى، كارنېي، كانادانىڭ ئەڭ شىمالىدىكى بىر زىيارەت جەريانىدا ئاۋسترالىيەدىن 4.2 مىليارد دوللارلىق رادار سېتىۋېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كانادانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، ئاۋسترالىيە رادار سىستېمىسىنىڭ تەخمىنەن 1.6 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر قاتار تۈۋرۈكلەردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر ئەمەلدار ئىسمىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقى شەرتى بىلەن بايانات بېرىپ، ئاۋسترالىيەدىن سېتىۋالغان بۇ رادارنىڭ ۋاشىنگتون تەرىپىدىن سىياسىي جەھەتتىن قانداق قارشى ئېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچنېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكالىق ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ بۇنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى