ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ئامېرىكانى تەيۋەن مەسىلىسىدە ئوت بىلەن ئويناشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باشلىقىنىڭ باياناتىنى رەت قىلىپ، ۋاشىنگتوننى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ھەربىي پوزىتسىيەسى ئارقىلىق جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋىتىش بىلەن ئەيىبلىدى.
خىتاي ئامېرىكانى تەيۋەن مەسىلىسىدە ئوت بىلەن ئويناشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
خىتاي ئامېرىكانى تەيۋەن مەسىلىسىدە ئوت بىلەن ئويناشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى / AP

خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تەيۋەن مەسىلىسىدە «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق» كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باشلىقى پېتې ھېگسېسنىڭ سىنگاپوردىكى يىللىق بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىدا بەرگەن باياناتلىرى سەۋەبلىك ۋاشىنگتونغا «رەسمىي نارازىلىق» بىلدۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھېگسېس، رايون دۆلەتلىرىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات چاقىرىقلىرىنى قەستەن نەزەردىن ساقىت قىلدى، بۇنىڭ ئورنىغا گۇرۇھلار ئارا توقۇنۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىدىيەسىنى مەدھىيەلىدى، خىتاينى تۆھمەت خاراكتېرلىك ئىددىئالار بىلەن قارىلىدى ۋە خىتاينى ئورۇنسىز ھالدا تەھدىت دەپ سۈپەتلىدى» دېدى.

ھېگسېس، «شاڭگرىلا سۆھبىتى» دىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ ئاسىيادىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشكە «ئىشىنەرلىك دەرىجىدە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى» ئېيتتى. ئۇ يەنە، خىتاي ئارمىيەسىنى تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە «ھەقىقىي ھەرىكەت ئۈچۈن مانېۋىر ئۆتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىدى.

خىتاي ھېگسېسنىڭ باياناتىدىن «قاتتىق» نارازى بولغانلىقىنى ۋە بۇلارغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا «جىددىي ئېتىراز» بىلدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە، «ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنيادىكى ھەقىقىي زومىگەر كۈچ ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بۇزىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىلدۇر» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، زومىگەرلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئاتالمىش ‹ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى› نى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا ھۇجۇم قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىپ، مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلدى. رايوننى بىر پارتلاتقۇچ چېلىكىگە ئايلاندۇردى ۋە رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Pentagon chief: China gearing up for military action in Asia

جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى

 

خىتاي، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ۋە ھېچقانداق چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي يەنە: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تەيۋەن مەسىلىسىنى خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن بىر سودا كوزىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىش خىيالىغا بېرىلمەسلىكى ۋە ئوت بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەك» دېدى.

خىتاي تەيۋەننى بۆلگۈنچى بىر ئۆلكىسى دەپ قاراۋاتقان بولسا، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىماقتا.

بېيجىڭ دائىرىلىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا پاراخوت قاتنىشى ئەركىنلىكى ياكى ئۇچۇش ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە «ھېچقاچان» مەسىلە يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «خىتاي ھەر ۋاقىت مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى سۆھبەت ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ۋە قانۇنغا ئاساسەن زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى دېيىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، «خىتاينىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بۇزىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىلدۇر» دېگەننى تەكىتلەپ، ئامېرىكانى رايون دۆلەتلىرىنىڭ «تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىغا» ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىشقا، رايوننىڭ تىنچ مۇھىتىنى قەستەن بۇزۇشنى توختىتىشقا، توقۇنۇش ۋە زىددىيەتلەرنى چوڭايتىۋېتىشتىن ساقلىنىشقا ۋە جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.

ئىزدىنىڭ
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى