خىتاي تىم كۇكنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكانى «باراۋەر تۇرۇپ دىيالوگ» ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي تىم كۇكنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكانى «باراۋەر تۇرۇپ دىيالوگ» ئۆتكۈزۈشكە چاقىردىخىتاي، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كۇكنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا بىلەن «باراۋەر دىيالوگ» ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى.
خىتاي تىم كۇكنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكانى «باراۋەر تۇرۇپ دىيالوگ» ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى / AP

يېقىنقى ھەپتىلەردە بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك، بېيجىڭنىڭ كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار ساھەسىدىكى ئېكسپورتىغا كەڭ كۆلەملىك چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇشىدىن كېيىن يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

ئىقتىسادىي ماگناتلار ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى «باراۋەر تۇرۇپ دىيالوگ» ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى. بۇ چاقىرىق، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇكنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئېلان قىلىندى.

ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭ كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار ئېكسپورتىنى كەڭ كۆلەمدە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 1-نويابىردىن باشلاپ خىتايغا %100 لىك تاموژنا بېجى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىراق، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش، بۇ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن.

ئالما شىركىتىنىڭ مۇھىم بازىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولغان خىتاينى دائىم زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان كۇك پەيشەنبە كۈنى خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ بىلەن كۆرۈشتى. رەسمىي باياناتقا ئاساسلانغاندا، ۋاڭ سۆھبەت جەريانىدا بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ «باراۋەر دىيالوگ ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ۋاڭ يەنە، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى «كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەبلەغ سېلىشى»نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كۇك خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنىڭ «زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى»نى ئىپادىلىگەن.

ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى يەنە، خىتاينىڭ سودا ئىشلىرى بويىچە باش ۋەكىلى بولغان مۇئاۋىن باش مىنىستىر خې لىفېڭ بىلەنمۇ ئۇچراشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۇك چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ «دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ھازىر ئىكەنلىكى»نى ئېيتقان.

«بىلەكستون» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېفىن ئا. شۋارزمانمۇ شۇ مەزگىلدە بېيجىڭدا بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى. رەسمىي باياناتقا ئاساسلانغاندا، ۋاڭ يى شۋارزمانغا: «خىتاي-ئامېرىكا ئالاقىلىرى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئالاقىنى ئۈزۈش ۋە ئايرىلىپ كېتىش رېئاللىققىمۇ، ئەقىلگىمۇ ئۇيغۇن بولمىغان بىر تاللاشتۇر. توقۇنۇش ھەر ئىككى تەرەپكە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن. باياناتقا ئاساسلانغاندا، شۋارزمان ئىككى تەرەپنىڭ «ئۆزئارا چۈشىنىشمەسلىكلەرنى تۈگىتىشى»نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىزدىنىڭ
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق