خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توقۇنۇشلاردا 22 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
پاكىستان ئارمىيەسى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھەپتە دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ 22 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، توقۇنۇش جەريانىدا بىر بالىنىڭمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توقۇنۇشلاردا 22 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستانىدىكى ئافغانىستان چېگراسىدىكى ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئەسكەرلەر قاراۋۇللۇق قىلماقتا. / AA

پاكىستان ئارمىيەسى ئۇچۇر-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ بايان قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى غەربىي شىمالدا بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى يوقىتىلغان. ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن خەيبەر رايونىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر توقۇنۇشتا، 10 ياشلىق بىر بالا ئوق تېگىپ قازا قىلغان.

باش مىنىستىر شاھباز شەرىف باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورچىلارنىڭ سەۋەبسىز ئوق چىقىرىشى بىلەن 10 ياشلىق بىر بالىنىڭ شېھىت بولغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئافغانىستان بىلەن چېگراداش بولغان ئۆلكىلەردە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. بۇ ھۇجۇملارنىڭ كۆپىنچىسىنى پاكىستان تالىبانلىرى (ت پ گ) تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۆز ئۈستىگە ئالماقتا.

پاكىستان ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ئافغانىستان تالىبانلىرى ھۆكۈمەت بېشىغا چىققاندىن بېرى، كابۇلنى تېررورچىلارنى پاناھ جاي بىلەن تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە؛ كابۇل دائىرىلىرى بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى قايتا-قايتا رەت قىلدى. بۇ خىل جىددىيچىلىكلەر ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرگە زىيان يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، چېگرادا پات-پات قوراللىق سۈركىلىشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.

پاكىستان ئارمىيەسى بۇ يىل بىر قاتار قانلىق بومبا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئافغانىستان تەۋەلىكىدە كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، پاكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى بۇ ۋەزىيەتنى «ئاشكارا ئۇرۇش» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»