ب د ت: ئىسرائىلىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كىرىشىنى توختىتىپ قويدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېچىلىدىغان بارلىق ئۆتكەللەرنى تاقىغانلىقىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

By
Ghazzagha ötüsh üchün Refah chégrasida tizilip turghan, yardem we yéqilg'u éliwatqan yuk maşiniliri yénida, bir Mısırlı erkek namaz oqumaqta. / Reuters

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە تۇتىشىدىغان بارلىق ئۆتكەللەرنى تاقىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغال قىلىۋاتقان رايونلاردا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى رەفاھنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۆتكەللەرنى تاقىدى ۋە غەززەدە ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئورۇنلاشقان رايونلار بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ قويدى. شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرىمىزنىڭ پىلانلىق ئالمىشىش خىزمەتلىرىنىمۇ كېچىكتۈردى».

غەززە خەلقىنىڭ مۇنتىزم ياردەم بۇيۇملىرىغا تايىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن دۇجاررىك: «نەتىجىدە تىببىي تارقاقلاشتۇرۇش ۋە غەززەگە قايتىش ئىشلىرىمۇ توختاپ قالدى. مەلۇمكى، غەززەدىكى كىشىلەر سىرتتىن كېلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە سودا ماللىرىغا بېقىنىپ قالغان. ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىك بولۇشى ۋە ئۇرۇش ۋەيران قىلغان بۇ رايوندىكى ئومۇمىيۈزلۈك خارابىلىشىش نەزەرگە ئېلىنغاندا، بىز ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز داۋاملىشىۋاتقان چەكلىمىلەرگە قارىماي، مۇقىم بىر مال ئېقىمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق، ئەمما تولۇق قامال ئاستىدا بۇنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ» دېدى.

بارلىق ئۆتكەللەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتا ئېچىلىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان دۇجاررىك، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا كۆپ قىسىم تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى تاقاق تۇتقانلىقىنى، بۇنىڭ پەلەستىن شەھەرلىرى ۋە ۋىلايەتلىرى ئارا قاتناشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ تىرىكچىلىك مەنبەلىرى ۋە مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى ئېنىق. بىزنىڭ ھەر كۈنى، ھەتتا كۈن ئىچىدە كۆپ قېتىم تەكرارلاپ كېلىۋاتقىنىمىزدەك، پۇقرالار چوقۇم قوغدىلىشى، توسالغۇسىز كىرىش، ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى تارقىتىش قاتارلىق ئاساسىي ئېھتىياجلار كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك».

يەنە بىر تەرەپتىن، شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئىران «ھاكىمىيىتى» پەيدا قىلغان «تەھدىت»لەرنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ دۆلەتكە قارىتا ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن ئىران رايوندىكى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى.

بۇ ۋەقەلەر تۈپەيلى ئىسرائىلىيە دۆلەت مىقياسىدا «دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغان ئالاھىدە جىددىي ھالەت» ئېلان قىلدى.