بېلگىيەدىكى ئىش تاشلاش ھاۋا يوللىرى قاتنىشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى

بېلگىيەدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش ھاۋا يوللىرى قاتنىشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، بىريۇسسېلدىكى ئاممىۋى قاتناشنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى.

بېلگىيەدىكى ئىش تاشلاش ھاۋا يوللىرى قاتنىشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى / AP

بېلگىيەدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن، دۆلەتتىكى ئىككى ئاساسلىق ئايرودۇرۇمدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇچۇشلار توختاپ قالدى، بىريۇسسېلدىكى ئاممىۋى قاتناشلار قالايمىقانلىشىپ كەتتى.

سەيشەنبە كۈنىدىكى بۇ ئىش تاشلاش ھۆكۈمەتنىڭ پېنسىيە ۋە ئەمگەك كۈچى بازىرىنى ئىسلاھ قىلىش تەكلىپلىرىگە قارشى بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن بىر يۈرۈش نامايىشلارنىڭ ئەڭ يېڭىسى ھېسابلىنىدۇ.

بىريۇسسېل خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى بارلىق ھاۋا قاتنىشىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى بىكار قىلىندى. ئايرودۇرۇم باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، X نۇرىدا تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى سەيشەنبە كۈنى ئىش تاشلىغان.

ئايرودۇرۇمنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، دۆلەتنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئايرودۇرۇمى بولغان، بىريۇسسېلنىڭ 60 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى شارلېروي ئايرودۇرۇمىدىكى بارلىق ئۇچۇشلار بىكار قىلىنغان.

مىڭلارچە كىشى شەھەر مەركىزىدىن ئۆتىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ۋوگزالغا يىغىلغان.

ئىش تاشلاش نەتىجىسىدە، بىريۇسسېلدىكى مېترو، ئاپتوبۇس ۋە ترامۋاي لىنىيەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

 ئاممىۋى قاتناش ئىشلىرى ئورگىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X ساھەسىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا بۇنى دەلىللىدى.

 «بىزنى ئاساسلىق ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ئامىل پېنسىيە مائاشى مەسىلىسى»

 ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە شەھەردىكى بىرنەچچە چوڭ كۆچىغا ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكتىن قاتناش تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  ساقچى تەرەپ بىرنەچچە نامايىشچىنى قولغا ئالغان.

دۆلەتنىڭ ئاساسلىق كەسپىي ئۇيۇشمىلىرى رەھبەرلىك قىلغان ۋە گىرىنپىس (Greenpeace) بىلەن ئوكسفام (Oxfam) قاتارلىق پائالىيەتچى گۇرۇپپىلار قوللىغان ئىش تاشلىغۇچىلار، باش ۋەزىر بارت دې ۋېۋېر رەھبەرلىكىدىكى فېدېراتسىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەزنىسىنى ئازايتىشنى نىشان قىلغان ئىسلاھاتلىرىغا قارشى چىقماقتا.

FGTB كەسپىي ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى تىئېررىي بودسون، سەيشەنبە كۈنى فىرانسۇزچە تارقىتىلىدىغان دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى RTBF گە بەرگەن باياناتىدا، «بىزنى ئاساسلىق ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ئامىل پېنسىيە مائاشى مەسىلىسى» دېدى.

بودسوننىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، ئىسلاھات پەقەت كەلگۈسىدىكى پېنسىيەگە چىققۇچىلارنىڭ كىرىمىنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە دۆلەت پېنسىيەسىنى ھېسابلاش بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدىكەن. بۇ بولسا ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلىدىكەن.

FGTB نىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، كەسپىي ئۇيۇشمىنىڭ 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار ئىكەن.

يېڭى فلاماند ئىتتىپاقى (N-VA) پارتىيەسىدىن بولغان دې ۋېۋېر، فېۋرال ئېيىدا باش ۋەزىر بولغان بولۇپ، ھازىر ئاساسلىقى ئوڭچىل ئىتتىپاقنىڭ رەھبىرىدۇر. باجنى ئاشۇرماستىن خامچوت كەمچىللىكىنى ئازايتىشقا ۋەدە بەرگەن دې ۋېۋېر، كېلەر يىللىق خامچوتنى تاماملاشتا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.