سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى رەت قىلغان ئىران، ھۇجۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ شەرتىنى ئېلان قىلدى
ئىران ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاخىرلاشقان تەقدىردە، ئۆز ھۇجۇملىرىنى توختىتىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى رەت قىلغان ئىران، ھۇجۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ شەرتىنى ئېلان قىلدى
/ AFP

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، ئامېرىكانىڭ <ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى> دېگەن يېقىنقى باياناتىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە بىلەن ھېچقانداق رەسمىي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختاتقان تەقدىردە، تېھراننىڭ «ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتى يوق»لۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق رەسمىي كېلىشىمنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئاراقچى X تور سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا: «ھازىرقى ھالەتتە ھېچقانداق ئۇرۇش توختىتىش ياكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش توغرىسىدا بىر ‹كېلىشىم› يوق» دەپ يازدى.

ئاراقچى ئىراننىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ تېھران تەرىپىدىن قوزغىتىلغان بىر ئۇرۇش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump announces ceasefire between Israel and Iran

بۇ باياناتلار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىراننىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان جىددىيچىلىكتىن كېيىن «تولۇق ۋە كەسكىن» بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلاپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئاراقچى ئىسرائىلىيەنىڭ سەيشەنبە كۈنى تېھران ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 4:00 كىچە (يەرشارى ئۆلچەم ۋاقتى 00:30) ھۇجۇملىرىنى توختاتقان تەقدىردە، ئىراننىڭ قايتۇرما ھەربىي ھارىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئەگەر ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى ئىران خەلقىگە قاراتقان قانۇنسىز تاجاۋۇزچىلىقىنى توختاتسا... بۇ ئەھۋالدا بىزنىڭمۇ قايتۇرما ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىمىز يوق» دېدى.

شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئىراننىڭ «ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى قارارنىڭ كېيىنچە چىقىرىلىدىغانلىقى»نى قەيت قىلدى.

ئاراقچى كېيىنكى ئۇچۇرىدا ئىران قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى «ئاخىرقى مىنۇتقىچە» داۋاملاشتۇرغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئارمىيەنىڭ دۆلەتنى «ئاخىرقى بىر تامچە قېنى قالغۇچە» قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

بۇ باياناتلار ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە تولۇق كۈچكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكى ۋەياكى بارلىق تەرەپلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى مەسىلىسىدىكى ئېنىقسىزلىقنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئىران تاراتقۇلىرى بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ يادرو ئالىمى مۇھەممەد رىزا سىددىقىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

12  كۈنلۈك كەسكىن جىددىيچىلىك

ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت 13-ئىيۇن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرى شۇنداقلا پۇقرالارغا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشى بىلەن باشلانغانىدى.

بۇ توقۇنۇش، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئىشتىراك قىلىپ، ئىراننىڭ ئۈچ چوڭ يادرو مۇئەسسەسەسىگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.

دۈشەنبە كۈنى ئىران ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئامېرىكانىڭ قاتاردىكى ئەلئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىش ئەندىشىسىنى قايتىدىن كۈچەيتىۋەتتى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى يېقىنقى ئۇرۇش توختىتىشنى «بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەپ تەرىپلىگەن بولسا، ئىران ئەمەلدارلىرى تېخىمۇ ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ توختايدىغانلىقىغا دائىر كاپالەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى