ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: لۇلا خالىغان ۋاقىتتا مەن بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشەلەيدۇ
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگو ۋە تاموژنا باجلىرىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» ۋە «ھېچقانداق شەكىلدە ئاقلىغىلى بولمايدىغان» دەپ تەرىپلىگەن بىر پەيتتە، مالىيە مىنىستىرى ترامپنىڭ يېقىنقى باياناتىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
ترامپ: لۇلا خالىغان ۋاقىتتا مەن بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشەلەيدۇ
/ AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇئىز ئىناسىيۇ لۇلا دا سىلۋانىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا باجلىرى ۋە باشقا جىددىيچىلىكلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن خالىغان ۋاقىتتا ئۆزىگە تېلېفون قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ جۈمە كۈنى ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «لۇلا مەن بىلەن خالىغان ۋاقىتتا تېلېفوندا سۆزلىشەلەيدۇ» دېدى. ترامپ بىرازىلىيە خەلقىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقانلارنىڭ خاتا ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى» ئېيتتى.

كېيىن، بىرازىلىيەنىڭ پايتەختى بىرازىلىيەدە مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن بىرازىلىيە مالىيە مىنىستىرى فېرناندو ھەدداد ترامپنىڭ باياناتىنى «ناھايىتى ياخشى بايانات » دەپ تەرىپلىدى ۋە لۇلانىڭمۇ ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ تېلېفونىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لۇلا بولسا X ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرازىلىيەنىڭ ھەر ۋاقىت دىيالوگقا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما ترامپنى ياكى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى باياناتلىرىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump unleashes sweeping tariff blitz hours before trade deal deadline

 ترامپ 2022-يىلدىكى سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سابىق پىرېزىدېنت ژايىر بولسونارونىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ بىرازىلىيەگە نىسبەتەن بىرنەچچە ئالاھىدە ئەھۋالنىڭ سىرتىدا، %50 لىك تاموژنا بېجىنى يولغا قويدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يەنە، بولسونارونىڭ دەۋاسىغا مەسئۇل بولغان بىرازىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر سوتچىسىغىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ترامپنىڭ بۇ ھەپتە بىرازىلىيەگە يۈرگۈزگەن %50 لىك تاموژنا بېجى، بۇ يىل باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتكە يۈرگۈزگەن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تاموژنا باج نىسبىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يەرشارى خاراكتېرلىك سودا سىستېمىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە قارىتىلغان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.

لۇلا ئېمبارگو ۋە تاموژنا باجلىرىنى رەت قىلىپ، بۇلارنى «ھېچقانداق شەكىلدە ئاقلىغىلى بولمايدىغان» ۋە بىرازىلىيەنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىغا «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» شەكىلدە ئارىلىشىش دەپ تەرىپلىدى.

مالىيە مىنىستىرى فېرناندو ھەدداد، كېلەر ھەپتە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان تور يىغىنىنىڭ، لۇلا بىلەن ترامپ ئوتتۇرىسىدا كەلگۈسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما بۇنداق بىر ئۇچرىشىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ھەدداد مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا بولسا، لۇلانىڭمۇ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىيدەك مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. زېلېنسكىي بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئاقسارايدىكى سۆھبەتتە ترامپ ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋانسنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump signs order to justify 50 percent tariffs on Brazil over Bolsonaro prosecution

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى