تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان دالا ئوت ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش سەپەرۋەرلىكى قوزغىدى
ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى 27 ئايروپىلان، 105 تىكئۇچار ۋە 14 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن تەشكىل تاپقان زور ھاۋا فىلوتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئوت ئاپىتىگە قارشى ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلماقتا.
تۈركىيە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان دالا ئوت ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش سەپەرۋەرلىكى قوزغىدى
/ AA

ياز پەسلىنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەدە دالا ئوت ئاپەتلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيگەن بولۇپ، رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1-ئىيۇندىن بۇيان 1516 قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى X تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ 27 ئايروپىلان، 105 تىكئۇچار ۋە 14 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن تەشكىل تاپقان زور ھاۋا فىلوتىنىڭ قوللىشى بىلەن كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ئوت ئاپىتىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن تەخمىنەن 6000 دانە سۇ پۈركۈش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماشىنىسى بىلەن بىرگە 25 مىڭ كىشىلىك ئورمانچىلىق خادىملىرى سەپەرۋەر قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «ھازىرغىچە ئوت ئاپەتلىرىنىڭ 1507 سى كونترول ئاستىغا ئېلىندى. ئايروپىلان ۋە تىكئۇچارلىرىمىز جەمئىي 10 مىڭ 260 قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، 33 مىڭ 200 توننا سۇ تۆكتى»  دېدى.

ئەردوغان ئوت ئاپىتىدە جاۋابكارلىقى بارلىقى ئېنىقلانغان 31 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى، بۇلاردىن 10 نەپىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 10 كىشىنىڭ بولسا قانۇنىي تەدبىر قوللىنىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئوت ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان پۇقرالاردىن ھال سوراش بىلەن بىرگە، دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ دېگۈدەك ھەممىسىنىڭ ئەپسۇسكى، ئىنسان ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«دۆلىتىمىز ئەلۋەتتە بارلىق تەدبىرلەرنى قوللانماقتا، لېكىن ئەڭ مۇھىمىنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەن» دېگەن ئەردوغان، پۇقرالارنى ئالدىمىزدىكى ئىككى ئاي ئىچىدە ئالاھىدە ھوشيار بولۇشقا ۋە «يېشىل ۋەتەن»نى ئورتاق قوغداشقا چاقىردى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى