ھىندىستاننىڭ شەرقىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 24 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ھىندىستاننىڭ شەرقىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە كەم دېگەندە 24 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھىندىستاننىڭ شەرقىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 24 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى / AP

دائىرىلەر ھىندىستاننىڭ شەرقىدە كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، ساياھەتچىلەرگە تۇرۇۋاتقان جايلىرىدا قېلىشنى بۇيرۇپ، ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا ۋە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋە كۆۋرۈكنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 24 كە يەتتى.

 غەربىي بېنگال ئۆلكىسىنىڭ باش مەنىستىرى ماماتا بانېرجى شىمالىي بېنگال بىلەن جەنۇبىي بېنگالنىڭ بىرنەچچە رايونىنىڭ تۇيۇقسىز ياغقان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بانېرجى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي بېنگالدىكى ساياھەتچىلەرگە «ساقچىلار ئۇلارنى بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرغۇچە، تۇرۇۋاتقان ئورۇجايلىرىدا قېلىشنى» تەۋسىيە قىلدى.

ئۆلكىدىكى دارجېلىڭ رايونىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى راجۇ بىستا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن رايوندا 24 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر نارېندرا مودى تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مودى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئىنگلىزچە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«دارجېلىڭدىكى بىر كۆۋرۈك ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كېلىپ چىققانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇم. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن. قارا يامغۇر ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدىن كېيىن دارجېلىڭ ۋە ئەتراپىدىكى ۋەزىيەت يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە.»