خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نەباتىيە رايونىدا بىر ئاپتوموبىلغا قىلغان ھۇجۇمدا، ئەتراپتىكى كىشىلەر يارىلاندى ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىدى. ئىسرائىلىيە بۇ ھۇجۇمنىڭ ھىزبۇللاھ ئەزالىرىغا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزدى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزدى / AA

لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا تۆت كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە بۇنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزغانلىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

لىۋاننىڭ رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى شەنبە كۈنى كېچىسى نەباتىيە رايونىدىكى دوھا-كافارمان يولىدىكى بىر ئاپتوموبىلنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان.

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئىچىدىكى تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. شۇ ۋاقىتتا ئاپتوموبىلنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر موتوسىكلىتتىكى ئىككى كىشىمۇ يارىلانغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى دوھا رايونىدىكى ئون نەچچە تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىنىمۇ چېقىۋەتكەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھۇجۇمنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى ۋە نىشاننىڭ ھىزبۇللاھ ئەمەلدارلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالدىنقى بىرنەچچە ھەپتىدىن بۇيان لىۋان-ئىسرائىلىيە چېگراسىدا جىددىيچىلىك بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. تېل ئاۋىۋ 2024-يىلى نويابىردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، جەنۇبتىكى يېزىلارغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، لىۋان پىرېزىدېنتىنى ھىزبۇللاھنى قورالسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىشقا كېچىكىپ كېتىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:

 «ھىزبۇللاھ ئوت بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ.»

ئۇ بۇ گۇرۇپپا قورالسىزلاندۇرۇشنى تولۇق يولغا قويمىغان تەقدىردە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملارنى كۈچەيتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالدى.

لىۋان ياكى ھىزبۇللاھ تەرەپ بۇ باياناتقا دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ئاۋغۇست ئېيىدا لىۋان ھۆكۈمىتى بارلىق قوراللارنى دۆلەت كونتروللۇقىدا توپلاشنى بەلگىلەيدىغان بىر پىلاننى ماقۇللىغان ئىدى. ھىزبۇللاھ بۇ پىلاننى رەت قىلدى ھەمدە ئىسرائىلىيە جەنۇبتىكى ئىشغال ئاستىدىكى بەش چېگرا ئۆتكىلىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتمىگۈچە قوراللىرىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلىنىپ، 2024-يىلى سېنتەبىردە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئايلانغان لىۋانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈردى، تەخمىنەن 17 مىڭ ئادەمنى يارىلاندۇردى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ يىل يانۋار ئېيىدا لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن چېكىنىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئىسرائىلىيە پەقەت قىسمەن چېكىنىپ، بەش چېگرا ئۆتكىلىدە ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى