سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن رىۋاندا ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى
بۇ كېلىشىم قاتارنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كۈتۈلمىگەندە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ۋاسىتىچىلىك قىلىشىدىن كېيىن كەلدى.
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن رىۋاندا ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى
Foreign ministers from the two countries signed the agreement at a ceremony with US Secretary of State Marco Rubio, who also signed as a witness. / AP

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن رىۋاندا 2-مايغىچە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى تەييارلاش ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلارغا ھەربىي ياردەم بېرىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بۇ كېلىشىم  كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى زوراۋانلىقلارنى توختىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئىمزالاندى. 

قاتارنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كۈتۈلمىگەندە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ۋاسىتىچىلىك قىلىشىدىن ئىككى كۈن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جۈمە كۈنى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقان بولسىمۇ، ئەمما مىنېرال بايلىقلارغا باي بولغان شەرقىي قىسمىغا مەبلەغ سېلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. 

رىۋاندا قوللاۋاتقان M23 ئىسيانچىلىرىنىڭ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئىلگىرىلىشى جەريانىدا ھاسىل قىلىنغان بۇ كېلىشىم، تانتال ۋە ئالتۇن قاتارلىق مىنېرال ماددىلىرى مول بولغان بۇ رايونغا ئامېرىكانىڭ دۆلەتلىك ۋە كارخانىلىرىنىڭ زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىشى كۈتۈلمەكتە. 

بۇ كېلىشىم رىۋاندا قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئون نەچچە يىللىق توقۇنۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى زوراۋانلىق دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتا ئۈمىد چىرىغى ياندۇرماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر ئىككى دۆلەت ئامېرىكانىڭ مىنېراللارغا كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

 ئەمما، ئىلگىرىكى ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىغا قارىماي توقۇنۇشلار ئۇزۇن مۇددەت بېسىقمىغانىدى. 

تەرەپلەر يەنە قوراللىق گۇرۇپپىلار ۋە جىنايى تەشكىلاتلارغا قارشى كۈرەش قىلىش مەقسىتىدە ئورتاق بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىش ھەم بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدىمۇ پۈتۈشتى.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيومۇ گۇۋاھچى سۈپىتىدە ئىمزا قويغان مۇراسمدا بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ