ئوچېرىك
4 مىنۇت ئوقۇش
يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئوڭ قانات ياشلارنىڭ رەھبىرى چارلى كىرك كىم ؟
ئامېرىكادىكى ئوڭ قانات ياشلار ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلىرىنىڭ بىرى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يېقىن قوللىغۇچىسى، كونسېرۋاتىپ ئوبزورچى چارلى كىرك يۇتا جىلغىسى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئوڭ قانات ياشلارنىڭ رەھبىرى چارلى كىرك كىم ؟
ترامپنىڭ يېقىن قوللىغۇچىسى ۋە «دىققەتنى ئامېرىكاغا بۇراش جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى چارلى كىرك ئۇنىۋېرستېتتا نۇتۇق سۆزلىمەكتە. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ قوللىغۇچىسى ۋە «دىققەتنى ئامېرىكاغا بۇراش» (Turning Point USA) جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، كونسېرۋاتىپلار ئىچىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە كىشى بولغان چارلى كىرك (Charlie Kirk) يۇتا جىلغىسى ئۇنىۋېرسىتېتى (Utah Valley) دا ئوقۇغۇچىلار بىلەن نەق مەيدان مۇنازىرەسى قىلىۋاتقاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

31 ياشلىق كىرك ئىككى پەرزەنتنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇ «ئامېرىكانىڭ قايتىپ كېلىش ساياھىتى» (American Comeback Tour) نىڭ تۇنجى بېكىتىدە، ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا سۇيىقەستكە ئۇچرىدى.

پائالىيەتنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن «خاتالىقىمنى ئىسپاتلاڭ»  (Prove Me Wrong) ئۈستىلىدە ئولتۇرغانلىقى كۆرۈنىدۇ ۋە بۇ ئەسنادا قورال ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. كىرك بوينىغا ئوق تېگىپ يەردە يېتىپ قالغاندا، ئوقۇغۇچىلار پاتپاراقچىلىقتا تەرەپ-تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ.

 كىرك دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلدى.

كونسېرۋاتىپ ياشلار رەھبىرى

كىرك 1993-يىلى 14-ئۆكتەبىر چىكاگونىڭ بىر يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئالىي تېخنىكومدا قىسقا ۋاقىت ئوقۇغان، كېيىنچە  ئاكتىپ ھالدا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئوقۇشىنى تاشلىغان.

ئۇ 2012-يىلى 18 يېشىدا «دىققەتنى ئامېرىكاغا بۇراش جەمئىيىتى»  (Turning Point USA) نى قۇرغان. بۇ بىر پايدا كۆزلىمەيدىغان تەشكىلات بولۇپ، «ئوقۇغۇچىلارنى ئەركىن بازار ۋە چەكلىك ھۆكۈمەت پىرىنسىپلىرىنى تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش ۋە تەشكىللەش» نى مەقسەت قىلىدۇ.

ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە، «دىققەتنى ئامېرىكاغا بۇراش جەمئىيىتى» ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ كونسېرۋاتىپ ئاكتىپ ياشلار تەشكىلاتىغا ئايلانغان بولۇپ، 3000 دىن ئارتۇق تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە پائالىيەت قىلدى، 650،000 ئوقۇغۇچى ئۆمۈرلۈك ئەزا بولدى، 450 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار بولدى.

كىرك ئىجتىمائىي تاراتقۇ دۇنياسىدىمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ ئوبزورلىرى، «Newsweek»،«Fox News»، «The Hill»، «RealClearPolitics» ۋە «The Washington Times» قاتارلىق تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

ئۇ رىياسەتچىلىك قىلىدىغان كۈندىلىك پودكاست ۋە رادىيو پروگراممىسى «چارلى كىرك پىروگراممىسى» 150 رادىيو دولقۇنىدا ۋە «ھەقىقىي ئامېرىكا ئاۋازى خەۋەرلىرى» (Real America’s Voice News) قانىلىدا بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلدى. بۇ پىروگرامما ئۆتكەن بىر يىل (2024) دا توردا 120 مىليوندىن ئارتۇق چۈشۈرۈلدى.

ئۇنىڭ ئاۋازى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەر ئايدا 100 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە يېتىدىغان بولۇپ، ئاكسىيوس (Axios)  كۇتۇپخانىسى ئۇنىڭ تور بېتىنى دۇنيادىكى «ئەڭ كۈچلۈك تەسىرگە  ئىگە 10 تور بېتى» قاتارىغا كىرگۈزدى.

ترامپنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى

كىرك ترامپنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، 2016-ۋە 2020-يىللىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتايىدا ۋە 2025-يىلى 1-ئايدىكى ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ترامپ ئۇنى ھاۋا ئارمىيەسى ئاكادېمىيەسىنىڭ زىيارەتچىلەر ھەيئىتىگە تەيىنلىدى.

ترامپ ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىدىن كېيىن،  «ھەقىقىي ئىجتىمائىي» (Truth Social)  دا: «بۈيۈك، ھەتتا ئەپسانىۋى چارلى كىرك ئۆلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ياشلارنىڭ قەلبىنى چارلىدىن ياخشى ھېچكىم چۈشەنمىدى ياكى ئىگە چىقالمىدى. ئۇنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرەتتى، بولۇپمۇ مەن بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم ۋە ھۆرمەتلەيتتىم، ئۇ ئەمدى ئارىمىزدا يوق» دەپ يازدى.

ترامپ نىيۇ يورك پوچتىسى (New York Post) گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ئۇ مېنىڭ ئىنتايىن، ئىنتايىن ياخشى دوستۇم ئىدى، ئۇ ناھايىتى قالتىس ئادەم ئىدى» دېدى.

كىرك تۆت كىتاب يازغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى 2020-يىلى نەشر قىلغان ۋە ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابى «ماگا (MAGA) تەلىماتى: كەلگۈسىنى يېڭىدىغان بىردىنبىر ئىدىيەلەر» دېگەن كىتابىمۇ بار.

ئۇ 2022-يىلى ئامېرىكا ئالىي مائارىپىنى ئادالەتسىز ۋە «ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، كەلگۈسىنى ئوغرىلايدىغان» مائارىپ سىستېمىسى دەپ تەنقىد قىلغان «ئالىي مەكتەپ ئالدامچىلىقى» (The College Scam ) دېگەن كىتابىنى نەشر قىلدۇردى.

ئۇنىڭ كېيىنكى كىتابى «ئوڭ قانات ئىنقىلابى: ئۇيقۇچىلارنى قانداق يېڭىش ۋە غەربنى قۇتقۇزۇش»، 2024-يىلى نەشر قىلىنماقچى ئىدى.

ئۇ فوربېس (Forbes) ژۇرنىلىنىڭ «30 ياشتىن تۆۋەن 30» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇ «خاتالىقىمنى ئىسپاتلاڭ» پائالىيەتلىرىدە، ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇنازىرە ئۆتكۈزەتتى ۋە مۇنازىرە قىلىش ئۇسلۇبى بىلەن تونۇلغان ئىدى.

ئۇ كونسېرۋاتىپلار تەرىپىدىن ياش سايلىغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلغانلىقى ئۈچۈن ماختىلىدىغان بولسىمۇ، تەنقىدچىلەر تەرىپىدىن بۆلۈش ۋە يالغان ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنەتتى.

ئۇ 2020-يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا «ساختىپەزلىك» قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى (COVID-19) توغرىسىدا خەلق ئارىسىدا گۇمانلىق  قاراشلارنى پەيدا قىلغان ئىدى. ئۇ بالا كونترول قىلىشقا قارشى بولۇپ، «بۈيۈك ئالماشتۇرۇش» سۇيىقەست نەزەرىيەسىنىڭ قوللىغۇچىسى ئىدى.

ئۇ يەنە 2022-يىلنىڭ ئاخىرىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنى پوچتا ئارقىلىق بېلەت تاشلاشنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى ۋە «يېڭىلىش سايلام ئېيىغا ماسلىشىشتىن تېخىمۇ يامان تۇيۇلىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump ally and right-wing activist Charlie Kirk shot dead at US university

ئىسلاموبىيە تەرەپتارى، ئىسرائىلىيەنىڭ قوللىغۇچىسى

ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە، ئۇ 2023-يىلى غەززەدە باشلانغان قىرغىنچىلىقتىن بۇيان ئىسىرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولدى. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلىشىنى توسۇۋاتقانلىقى ۋە قەستەن ياردەم ئىزدەۋاتقانلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتلار ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى ئاچارچىلىققا مەھكۇم قىلغانلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.

ئۇ ئىيۇل (2025) ئېيىدا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرلىرىنىڭ بىرىدە: «ياق، ئىسرائىلىيە غەززەلىكلەرنى ئاچارچىلىقتا قالدۇرمىدى» دېگەن ئىدى.

ئۇ مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام دىنىنى پات-پات ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تۇردى، مۇسۇلمانلارنى ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ غەرب قىممەت قاراشلىرى بىلەن ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.

ئۇ مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلىپ ھەمبەھرلىگەن ئەڭ ئاخىرقى ئېكس (X) ئۇچۇرىنىڭ بىرىدە: «ئىسلام دىنى سولچىلارنىڭ ئامېرىكانى بوغۇزلاش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقان قىلىچى» دېگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ترابزونسپور كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
خىتايدا بىر كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 82 خىتاي ئۆلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى
ئىرلاندىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن سودا قىلماسلىقى لازىم
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 108 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىرئە ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى بومباردىمان قىلدى
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز
ئەردوغان تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
فىدان: بۈگۈن خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى پائالىيەتچىلىرىنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك