رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرىنى ۋە پاراخوتلىرىنى زەربە بېرىپ ۋەيران قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. مىنىستىرلىقنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللار ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۇكرائىنا زېمىنىدىكى ھەربىي نىشانلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەزكۇر ھەرىكەتلەر جەريانىدا كىيېۋ رايونىدىكى ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان 3 ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، چورنومورسك پورتى ۋە قارادېڭىزدا ھەربىي يۈك توشۇۋاتقان 2 پاراخوت، شۇنداقلا ئودېسسا پورتىدىكى ھەربىي ئامبارلار نىشانغا ئېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان.
تەۋسىيە














