جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: خەلقىمىزنى خەۋپ - خەتەرلەردىن يىراق تۇتتۇق
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: خەلقىمىزنى خەۋپ - خەتەرلەردىن يىراق تۇتتۇقتۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ۋە رايوندىكى تېررورىزم مەسىلىسىنىڭ پۈتۈنلەي ھەل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: خەلقىمىزنى خەۋپ - خەتەرلەردىن يىراق تۇتتۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «جۇغراپىيەمىز كىرىزىسلار، ئۇرۇشلار ۋە توقۇنۇشلار بىلەن ئېلىشىۋاتقان قىيىن بىر مەزگىلدە، خەلقىمىزنى بۇ  خەۋپ - خەتەرلەردىن يىراق تۇتتۇق» دېدى.

ئەردوغان بۇنىڭدىن 107 يىل ئىلگىرى (1919-يىلى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى قەدىمى بېسىلغاندا) سامسۇندىن باشلانغان مۇستەقىللىق يۈرۈشىنىڭ، بۈگۈن بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە نىشانىغا قاراپ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«دەرھال ئارقىمىزدا مۇستەقىللىقتىن كېلەچەككە تۇتىشىدىغان بۇ لىنىيەنىڭ ئىككى كۈچلۈك سىمۋولى بىزگە ھەمراھ بولماقتا. بىر تەرەپتە باندىرما پاراخوتى، ئۇنىڭ يېنىدىلا TCG ئانادولۇ ئاۋىياماتكىسى بار. باندىرما پاراخوتى بىلەن باشلىنىپ، TCG ئانادولۇ بىلەن داۋاملاشقان بۇ مۇساپە، تۈركىيەنىڭ قەيەردىن قەيەرگە كەلگەنلىكىنىڭ بىر بەلگىسىدۇر. ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بىز بۈگۈنگە قەدەر تۈركىيەنى دولقۇنلۇق دېڭىزلاردىن ئۆتكۈزۈپ، ئامان-ئېسەن قىرغاققا ئېلىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. جۇغراپىيەمىز كىرىزىسلار، ئۇرۇشلار ۋە توقۇنۇشلار بىلەن ئېلىشىۋاتقان قىيىن بىر مەزگىلدە، خەلقىمىزنى بۇ خەۋپ - خەتەرلەردىن يىراق تۇتتۇق. دۆلىتىمىزگە نۇرغۇن ساھەلەردە تارىخىي ئۇتۇقلارنى ۋە غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردۇق.»

بىر ئوقۇغۇچىنىڭ «تېررورىزمدىن خالىي تۈركىيە» مۇساپىسى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان: «شەرقىي جەنۇبىي ۋە شەرقىي ئانادولۇ رايونلىرىدا تېررورىزم مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى، ئەمما ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ھازىر بۇ رايونلاردا تېررورىزمدىن ئەسەر قالىمىدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رايوندا ئەمدى ھېچقانداق قىيىنچىلىقنىڭ قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، نىشاننىڭ شەرقىي جەنۇبىي ۋە شەرقىي ئانادولۇ رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ تىنچ ۋە خاتىرجەم ھالەتكە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى