ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ داڭلىق بانكىلىرى ئورتاق مۇقىم شىفىرلىق پۇل چىقىرىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە
ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بانكىلىرى شىفىرلىق پۇل رىقابەتچىلىرىگە قارشى ئورتاق مۇقىم شىفىرلىق پۇل چىقىرىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
ئامېرىكانىڭ داڭلىق بانكىلىرى ئورتاق مۇقىم شىفىرلىق پۇل چىقىرىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە
/ AP
2025-يىلى5-ئاينىڭ23-كۈنى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئەڭ چوڭ بانكىلاردىن بەزىلىرى شىفىرلىق پۇل ساھەسىدىن كېلىۋاتقان كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئورتاق بىر مۇقىم شىفىرلىق پۇل چىقىرىش مەقسىتىدە كومىتېت قۇرۇش يولىدا ئىزدەنمەكتە.

«‹Wall Street Journal› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ج پ مورگان چەيس ۋە ئامېرىكا بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ بانكىلىرىدىن بەزىلىرى دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان رەقەملىك پۇل ساھەسىدە رىقابەتلىشىش ئۈچۈن ئورتاق بىر مۇقىم شىفىرلىق پۇل چىقىرىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ سۆھبەت ج پ مورگان چەيس، ئامېرىكا بانكىسى، سىتى گورۇھى، ۋېلس فارگو ۋە باشقا چوڭ سودا بانكىلىرى ئورتاق ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىكەن.

بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلەۋاتقان داڭلىق شىركەتلەر توردا ھەق تۆلەش دېتالى زېللې (Zelle) نى باشقۇرىدىغان  دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش مۇلازىمىتى (Early Warning Services) ۋە نەق پۇل تۆلەش تورىنى باشقۇرىدىغان زى كلىرىڭ ھاۋۇس (The Clearing House)   قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدىكەن.

«‹Wall Street Journal› گېزىتى» نەقىل كەلتۈرگەن مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ سۆھبەتلەر تېخى دەسلەپكى ۋە ئۇقۇم خاراكتېرلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كەلگۈسىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرگە، بولۇپمۇ مۇقىم شىفىرلىق پۇللارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇقىم شىفىرلىق پۇللار — ئامېرىكا دوللىرىغا، ئىناۋەتلىك پۇل بىرلىكىگە ئوخشاش شىفىرلىق پۇل تۈرى بولۇپ — رەقەملىك مۈلۈكلەرنى تېز سۈرئەتتە ۋە تۆۋەن تەننەرخ بىلەن يۆتكەشتە كۈنسېرى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت زايومى قاتارلىق نەق پۇل ياكى نەق پۇلغا تەڭ كېلىدىغان زاپاس پۇلنىڭ ياردىمىدە، بۇ پۇللار شىفىرلىق بازاردا رەقەملىك دوللار رولىنى ئوينايدىكەن.

 

بانكىچىلىق ساھەسىدىكى ماگناتلار ئۆزلىرىنىڭ مۇقىم شىفىرلىق پۇل نۇسخىلىرىنى تېخىمۇ تېز پۇل تۆلەشكە، بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى سىستېما بىلەن نەچچە كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان چېگرا ھالقىغان سودا ئىشلىرىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىزدەنمەكتە ئىكەن.

مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان مودېللارنىڭ بىرى، ئەزا بولمىغان بانكىلارنىڭمۇ مۇقىم شىفىرلىق پۇلنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ بىر ئېكولوگىيەلىك سىستېما بەرپا قىلىش ئىكەن. ئەمما، بەزى رايونلۇق ۋە يەرلىك بانكىلارمۇ ئايرىم بىر كومىتېت قۇرۇشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. شۇنداقتىمۇ، كۆلەم ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يۈكى سەۋەبىدىن بۇنداق تەشەببۇسنى رېئاللىققا ئايلايدۇرۇش تېخىمۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارWhat are stablecoins and how did they trigger a crypto market crash?

 ترامپ ھۆكۈمىتى شىفىرلىق پۇلنى ئاساسىي ئېقىمغا ئېلىپ كىرمەكتە.

 بۇ سۆھبەتلەر پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئۆزىنى «شىفىرلىق پۇل پىرېزىدېنتى» دەپ ئاتىغان ۋە شىفىرلىق پۇلنى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللىغان بىر پەيتكە توغرا كەلمەكتە. ترامپ شىفىرلىق پۇلنىڭ بانكىچىلىق سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى رولىنى ۋە دوللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش يوشۇرۇن كۈچىنى تەشەببۇس قىلماقتا.

بانكىلار بولۇپمۇ چوڭ تېخنولوگىيە شىركەتلىرى ياكى چوڭ پارچە سېتىش سودىگەرلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنسا، مۇقىم شىفىرلىق پۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى ئورگانلاردىن ئامانەت پۇل ۋە سودىلارنى تارتىۋېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.

رەقەملىك مۈلۈكلەرگە قارىتىلغان ئىككى يىل ئىلگىرىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بېسىمىدىن كېيىن، ئەنئەنىۋى پۇل-مۇئامىلە ساھەسى ھازىر بۇ ساھەدە زامانغا يېتىشىۋېلىشقا تىرىشماقتا.

ئالدىنقى ئايدا، «‹Wall Street Journal› گېزىتى» بىرنەچچە شىفىرلىق پۇل شىركىتىنىڭ بانكا تىجارەت ئىجازەتنامىسى ياكى رۇخسەتنامىسى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ، ھەم بانكىلارنىڭ ھەم بانكا بولمىغان ئورگانلارنىڭ مۇقىم شىفىرلىق پۇل تارقىتىشى ئۈچۈن بىر تۈزۈم ئورنىتىش نىشان قىلىنغان يېڭى قانۇن لايىھەسى — گېنىيۇس قانۇنى (GENIUS Act) — سايىسىدا رېئاللىققا ئايلاندى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى يېقىندا بۇ قانۇن لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قارارنامەنى تەستىقلىدى. پائۇل ھەستىڭس (Paul Hastings) قانۇن شىركىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر ئەسكەرتمىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى پۇل-مۇئامىلە بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ئاممىۋى شىركەتلەرنىڭ مۇقىم پۇل تارقىتىشىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن  — ئەمما بانكىچىلىق لوبىچىلىرى تەلەپ قىلغاندەك پۈتۈنلەي چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى