تۈركىيە ۋە سۈرىيە رەھبەرلىرى سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن سۈرىيە پىرېزىدېنتى شارا (شەرئ) سۈرىيەدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ۋە دۆلەتتىكى مۇقىملىقنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
سۈرىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا بىلەن سۈرىيەدىكى ۋەزىيەت ۋە مۇقىملىقنى كۈچەيتىش يوللىرى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە سۈرىيە ۋەزىيىتىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ۋە دۆلەتتە مۇقىملىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار كۆزدىن كەچۈرۈلگەن.
باياناتتا، پىرېزىدېنت شارانىڭ سۈرىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئاساسلىرىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى ۋە پۈتكۈل سۈرىيە زېمىنىدا دۆلەتنىڭ تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تىكلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
شارانىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشلىرىنىڭ پۇقرالارنى قوغداش، ھەلەب ئەتراپىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان قانۇنسىز قوراللىق پائالىيەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەنلىكى تەكىتلەندى.
سۈرىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ھەلەبتە جىددىيلەشكەن توقۇنۇشلار
بۇ سۆھبەت، سۈرىيە دائىرىلىرى كۆپ ساندىكى «پ ك ك / ي پ گ» تېررورچىلىرىنىڭ تالاش-تارتىشلىق مەھەللىلەردىن ئايرىلغانلىقىنى ياكى قاچقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەلەبتىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلدى.
دائىرىلەر، شەيخ مەقسۇد ۋە ئەشرەفىيە رايونلىرىدىكى سۈركىلىشنىڭ شەھەردە يېقىنقى يىللاردا كۆرۈلگەن ئەڭ كەڭ كۆلەملىك «يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىش» دولقۇنلىرىدىن بىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، جىددىي ھالەت پىلانى دائىرىسىدە تەخمىنەن 142 مىڭ پۇقرانىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
دائىرىلەر ھەلەب شەھىرىنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدا ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركەزلىرى ئاچقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مەزكۇر گۇرۇھنى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورلىرىنى توپقا تۇتۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
سۈرىيە دائىرىلىرى، ئىچكى بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغان ئاھالىلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھادىسىلەر، ي پ گ نىڭ دۆلەت ئورگانلىرىغا قوشۇۋېتىلىشى ئۈچۈن ئىلگىرى تۈزۈلگەن بىر كېلىشىمگە قارىماي يۈز بەردى. دەمەشق ھۆكۈمىتى، كېلىشىمنىڭ تېخى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.