تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ئەنقەرە بىلەن ئىسلامئاباد تۈركىيەنېفىت ھەسسىدارلىق شىركىتى — TPAO نىڭ پاكىستاندىكى بەش رايوندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدىشى توغرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ئالپارسلاڭ بايراقتار پاكىستانلىق باش مىنىستىر شەھباز شەرىف بىلەن باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدا گۆرۈشتى. / AA
2025-يىلى12-ئاينىڭ3-كۈنى

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەر، تۈركىيە نېفىت ھەسسىدارلىق شىركىتى — TPAO  نى پاكىستاندىكى بەش رايوندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدەش ھوقۇقى بىلە تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇ قەدەم كېلەر يىلى باشلىنىدىغان سىسمېك تەكشۈرۈشلەر، بۇرغىلاش، ئېنېرگىيە ھەمدە كانچىلىق ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە ئاساس سالىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار ئىسلامئابادتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەر جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ 2026-يىلدىن باشلاپ پاكىستاننىڭ ئۈچى دېڭىزدا، ئىككىسى قۇرۇقلۇقتا بولۇپ جەمئىي بەش رايونىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بايراقتار سەيشەنبە كۈنى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىپ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا نېفىت مىنىستىرى ئەلى پەرۋائىز مالىك ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىر سەردار ئاۋايىس ئەخمەد خان لېغارى بىلەن ئۇچراشتى.

ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ نېفىت ھەسسىدارلىق شىركىتى TPAO  پاكىستاننىڭ دۆلەت مىقياسىدىكى بەش بۆلىكى (بىلوكى) ئۈچۈن پاكىستانلىق ئالتە شىركەت  — Mari Energies، Fatima، OGDCL، PPL، Prime  ۋە GHPL — بىلەن ھىدروكاربون ئىزدەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى.

ئىمزا مۇراسىمىدىن كېيىن سۆز قىلغان بايراقتار، كېلىشىملەرنىڭ ئەنقەرە بىلەن ئىسلامئاباد ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ۋە كانچىلىق ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشتە تاشلانغان «مۇھىم بىر قەدەم» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بايراقتار: «تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدەش جەھەتتە كۈچلۈك ئىقتىدار يېتىلدۈردى. بۇ يېڭى ھەمكارلىقلار سايىسىدا TPAO ئەمدى پاكىستاندا ئۈچ دېڭىز ۋە ئىككى قۇرۇقلۇق رايونىدا ئىجازەتنامىگە ئېرىشتى» دېدى.

بايراقتار تۈركىيەنىڭ كەم دېگەندە بىر دېڭىز بۆلىكىدە تىجارەت ھوقۇقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ۋە 2026-يىلى سىسمېك تەكشۈرۈش كېمىلىرىنىڭ پاكىستان دېڭىز تەۋەلكىگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇ يەنە: «بۇ يەردىكى ئۈمىدىمىز ئىنتايىن زور. نىشانىمىز كېلەر يىلى بەزى رايونلاردا سىسمېك خىزمەتلەرگە، بەزىلىرىدە بىۋاسىتە بۇرغىلاشقا باشلاش. بۇ، تۈركىيە-پاكىستان ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئەمەلىي نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ» دېدى.

كېيىنكى قەدەم: كانچىلىق تۈرلىرى

مىنىستىر بايراقتار ئەنقەرەنىڭ ھەمكارلىقنى ھىدروكاربونلاردىنمۇ ھالقىپ كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پاكىستاننى «مۇھىم قېزىلما بايلىقلارغا ئىگە بىر دۆلەت» دەپ تەرىپلىگەن بايراقتار، تۈركىيەنىڭ دۆلەت كانچىلىق ئورگانلىرى — MTAIC ۋە Eti Maden نىڭ يېقىندا بۇ دۆلەتتە ئاكتىپ خىزمەتلەرنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «بۈگۈن مۇھىم قارارلارنى ئالدۇق. ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خىزمەتلىرىمىزگە ئوخشاش، پاكىستاندىمۇ ئورتاق كانچىلىق تۈرلىرىگە تېز سۈرەتتە كىرىشىمىز» دېدى.

ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى 5 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

بايراقتار، ئېنېرگىيە ۋە كانچىلىق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ، فېۋرال ئېيىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پاكىستان زىيارىتىدە بېكىتىلگەن ئىككى تەرەپلىك سودا ھەجىمىنى 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيە ۋە پاكىستاننىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرى ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت جەھەتتىن چوڭ ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئۈستۈنلۈكىنى يارىتىش مەقسىتى بىلەن ئورتاق تەمىنلەش ئىمكانىيەتلىرىگىمۇ قاراپ چىقىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىسلامئابادتىكى ئەڭ يېڭى كېلىشىملەر، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ فېۋرالدىكى زىيارىتى جەريانىدا ھىدروكاربون ھەمكارلىقى، ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇش ۋە كانچىلىق دائىرىسىدە ئىمزالانغان بىر قاتار كېلىشىملەرگە ئاساسلىنىدۇ.

بايراقتارنىڭ ئاپرېل ئېيىدىكى تۇلۇقلىما زىيارىتى،  تۈركىيە نېفىت ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەن پاكىستاننىڭ مىللىي شىركەتلىرىنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق تۈرلىرىگە ئورتاق خېرىدار بولۇشىغا يول ئاچقان ئىدى — بۇ تەكلىپلەر ھازىر رەسمىي چارلاش ئىجازەتنامىلىرىگە ئايلاندى.

بايراقتار: «پاكىستان بىز بىلەن چوڭقۇر رىشتىسى بار بىر دۆلەت. ئۇلار بىزنى ئالاھىدە قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى، بۇ تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ پات-پات كېلىپ تۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋان ھىزبۇللاھىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ياۋروپا «يېڭى تۈزۈم چىقىرىپ» سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنى رەت قىلىشنى تېزلىتىشنى پىلانلىماقتا
خىتاي 156 مىليون دوللار پارا ئالغان سابىق بانكا ئەمەلدارىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىندى
تۈركىيە ئامېرىكادىن قايتۇرۇلغان ئانادولۇ ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى
لىۋىيە گىرېتسىيەنىڭ «تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن دېڭىز كېلىشىمىنى بىكار قىلىش» چاقىرىقىنى ئەيىبلىدى
ياۋروپا ئەسەد ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا سۈرىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
تۈرك دۇنياسى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ئىستانبۇلدا جەم بولىدۇ
پىرېزىدىنت: سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن بېنىندا ۋەزىيەت «پۈتۈنلەي كونترول ئاستىدا»
ۋېنېزۇئېلادا ئامېرىكا بىلەن جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر مۇھىتتا، 5600 يېڭى ئەسكەر قەسەم ياد قىلدى
ئەنگلىيە بىلەن قاتار روھىڭيالىق مۇساپىرلار ئۈچۈن 11.2 مىليون دوللار ياردەم ئېلان قىلدى
سائۋ پاۋلۇ كىتابخانىسىدىكى بۇلاڭچىلىقتا 13 ئەسەر ئارىسىدا 8 ماتىس ئوقۇبى ئوغرىلاندى
سۈرىيە دۆلەت رەئىسى شارا «كۈچلۈك بىر سۈرىيە» قۇرۇپ چىقىشقا ۋەدە بەردى
خىتاينىڭ تاشقى سودا قالدۇقى 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى
تۈركىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
تۈركىيە ئەسەد ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا سۈرىيەنىڭ «ھۈررىيەت كۈنى»نى تەبرىكلىدى