ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش ئەندىشىلىرى تۈپەيلىدىن نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى 100 دوللاردىن ئاشتى
خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى (IEA) غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 400 مىليون ۋارىللىق نېفىت زاپىسىنى جىددىي بازارغا سېلىش قارارىغا قارىماي، ھورمۇز بوغۇزىدىكى توسقۇنلۇقنڭ داۋاملىشىشىغا بولغان ئەندىشەلەر نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلۈشىگە سەۋەب بولدى.
«ئەلجەزىرە» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى (IEA) غا ئەزا 32 دۆلەتنىڭ زاپاستىكى 400 مىليون ۋارىل نېفىتنى ماس قەدەمدە جىددىي بازارغا سېلىش ھەققىدە پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارىماي، پەيشەنبە كۈنى نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى 101 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
خەلقئارالىق كۆرسەتكۈچ بولغان برېنت (Brent) نېفىت قەرەللىك سودا باھاسى، مەزكۇر خەۋەرنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك توختاپ قېلىش ئەندىشەلىرىنى پەسەيتەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، تەخمىنەن %20 ئۆرلەپ كەتكەن.
برېنت نېفىت باھاسى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە سېلىشتۇرغاندا %38 دىن ئارتۇق ئۆرلەپ، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 02:00 دىكى بازاردا ۋارىل باھاسى 101 دوللار ئەتراپىدا سېتىلغان.
خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن تەۋرىنىپ قالغان ئېنېرگىيە بازارلىرىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىستراتېگىيەلىك زاپاستىن 400 مىليون ۋارىل نېفىتنى جىددىي بازارغا سېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ماس قەدەملىك نېفىت قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.