ئىراندىكى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەر سانى 4 مىڭ 519 غا يەتتى
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى ئىراندىكى نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 4 مىڭ 519 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نامايىشلار 24-كۈنىگە قەدەم قويغاندا 26 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خەۋەر ئاگېنتلىقى (HRANA) سەيشەنبە كۈنى، ئىران مىقياسىدىكى نامايىشلار جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 4 مىڭ 519 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
HRANA تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نامايىشلار 24-كۈنىگە قەدەم قويغاندا كەم دېگەندە 26 مىڭ 314 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان، 5 مىڭ 811 كىشى ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، يەنە 9 مىڭ 49 قوشۇمچە ئۆلۈم ۋەقەسى تەپتىشلەر تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
HRANA تورنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۈزۈلۈپ قېلىشى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش چەكلىك بولغان بىر شارائىتتا بۇ مەلۇماتلارنىڭ توپلانغانلىقىنى، شۇڭا ھەقىقىي ئۆلۈم سانىنىڭ بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئىران رىيالىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى ۋە ناچارلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي شارائىت سەۋەبىدىن، ئالدىنقى يىلى 28-دېكابىر كۈنى تېھراندىكى چوڭ بازاردا باشلانغان نامايىش دولقۇنى پۈتۈن ئىراننى زىلزىلىگە سالدى. نامايىشلار كېيىنچە باشقا نۇرغۇن شەھەرلەرگە يېيىلدى.
ئىران دائىرىلىرى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى مەملىكەت مىقياسىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا بىر يۈرۈش ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان «قوراللىق ئىسيانچىلار» نى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نامايىشچىلار ئۆلتۈرۈلسە «قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقى» توغرىسىدا ئىرانغا قايتا-قايتا تەھدىت سالغان ئىدى، ئەمما كېيىنچە تېھراننىڭ پىلانلانغان يۈزلەرچە ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ماختىدى.