خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىراننىڭ كەڭ كۆلەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئىسرائىلىيەلىك ئۆلدى
ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 ئىسرائىلىيەلىك ئۆلۈپ، 200 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىك يارىلاندى.
ئىراننىڭ  كەڭ كۆلەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئىسرائىلىيەلىك ئۆلدى
ئىراننىڭ كەڭ كۆلەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئىشرائىلىيەلىك ئۆلدى / AP

تەل ئاۋىۋ ئەتراپىدىكى بىر بىناغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشتى، ھۇجۇمدىن كېيىن ئونلىغان كىشى يوقاپ كەتتى؛ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەتلىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي رايونلىرىدىكى نۇرغۇن نۇقتىلارغا چۈشتى. ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە سەككىز كىشى ئۆلۈپ، 208 كىشى يارىلانغان.

بۇ ھۇجۇم توقۇنۇشلار كەسكىنلەشكەندىن بۇيانقى ئەڭ قانلىق ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.

<قانال 12> نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەڭ يېڭى ھۇجۇم دولقۇنىدا تەل ئاۋىۋنىڭ جەنۇبىدىكى بات يام ۋە رېخوۋوت رايونلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار چۈشكەن. ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تەخمىنەن 50 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغان. بۇ رايونلاردا تۆت كىشى ئۆلۈپ، 195 كىشى يارىلانغان. ئۇلاردىن بەش كىشى ئېغىر يارىلانغان. تاراتقۇلار يەنە بات يامدىكى بىر تۇرالغۇ بىناسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشىشى نەتىجىسىدە تەخمىنەن 35 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «كان»، رېخوۋوتتىكى داڭلىق تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان ۋېيزمان پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ھۇجۇملاردا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«مائارىۋ» گېزىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كەم دېگەندە ئالتە نۇقتىنىڭ بىۋاسىتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى ھايفا رايونىدا، تامرا ۋە كرايوتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئولتۇراق رايونلارغا چۈشكەن ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى سەۋەبىدىن تۆت كىشى ئۆلۈپ، 13 كىشى يارىلاندى. 12-قانال بۇ رايونلاردىكى نۇرغۇن بىنا ۋە كوچىلارنىڭ «ئېغىر زىيان» غا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى جەنۇبتىكى ئېيلات پورت شەھىرىگە يېقىن جايدا ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى توسۇۋالغانلىقىنى ۋە ئىران تەرىپىدىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئارمىيە يەنە تېھراندىكى ھەربىي نىشانلارغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

بۇ جىددىيلىك جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىدىن كېيىن يۈز بەردى. بۇ ھۇجۇملاردا يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە پۇقرالارنىڭ قازا قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئىران بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىدى.

ۋەزىيەت تېزلىكتە ئۆزگىرىۋاتقان بىر پەيتتە، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇش ئەندىشىسى كۈچەيمەكتە.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى