سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
گۇتېررېس بىلەن شارا سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچ ۋە رايونلۇق ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ب د ت بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يوللىرىنى ئىزدەۋاتقان ئىككى تەرەپ ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك دىيالوگ ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىشتىراك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
گۇتېررېس بىلەن شارا سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچ ۋە رايونلۇق ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
شارا 1967-يىلىدىن بۇيان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلىگەن تۇنجى سۈرىيە پىرېزىدېنتى بولدى. / Reuters

ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ) سۈرىيەدىكى سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچ توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.

گۇتېررېس بۇ جەرياننىڭ كەڭ دائىرىلىك دىيالوگ ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىشتىراك قىلىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «باش كاتىپنىڭ يەنە سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى» قەيت قىلىنىش بىلەن بىرگە، گۇتېررېسنىڭ 1974-يىلىدىكى «ئارمىيەنى ئايرىش كېلىشىمى» گە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ ئىپادىلەندى.

باش كاتىپ ۋە شارا ب د ت بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇردى.

تەخمىنەن 25 يىل سۈرىيەنىڭ رەھبىرى بولغان بەششار ئەسەد ئۆتكەن يىلى دېكابىردا رۇسىيەگە قېچىپ كەتتى ۋە 1963-يىلىدىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن بەئس پارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشتى.

شارانىڭ يېڭى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى يانۋاردا قۇرۇلدى. شارا 1967-يىلىدىن بۇيان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلىگەن تۇنجى سۈرىيە پىرېزىدېنتى بولدى.

ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى