مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ «يېڭى پاپا نامزاتى» چاقچىقىدىن كېيىن، سۈنئىي ئەقىل لايىھەلىگەن ھەجۋى رەسىمنى ھەمبەھرىلىدى
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھرىلەنگەن فوتوسۈرەتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ پاپالىق كىيىملىرىنى كىيگەنلىكى كۆرۈنىدۇ.
ترامپ «يېڭى پاپا نامزاتى» چاقچىقىدىن كېيىن، سۈنئىي ئەقىل لايىھەلىگەن ھەجۋى رەسىمنى ھەمبەھرىلىدى
/ Others

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى «Truth Social» سۇپىسىدا ئۆزىنى پاپا كىيىمىدە كۆرسەتكەن بىر يۇمۇرلۇق فوتوسۈرەتنى ھەمبەھرىلىدى. بۇ ھەمبەھىرلەش، ترامپنىڭ كاتولىك چېركاۋىنىڭ كېيىنكى رەھبىرى بولۇشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدىكى چاقچاق خاراكتېرلىك باياناتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

فوتوسۈرەتتە ترامپ پاپالىق كىيىملىرى ئىچىدە، ئوڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئاسمانغا كۆرسىتىپ تۇرغان ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. ئاق تون، ئالتۇن كرېست مارجان ۋە مىترا [پاپالىق] قالپىقى قاتارلىق پاپالىق سىمۋوللىرىنى [ئۆز ئىچىگە ئالغان] بۇ كۆرۈنۈشنىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن ئىشلەنگەن رەڭلىك سۈرەت ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

بۇ ئۇچۇر، ترامپنىڭ مۇشۇ ھەپتە مۇخبىرلارغا قىلغان «كېيىنكى پاپا بولۇشنى خالايمەن» دېگەن چاقچاق خاراكتېرلىك سۆزلىرىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ بايانات، پاپا فىرانسىسنىڭ 21-ئاپرېل ۋاپات بولۇشىدىن كېيىن، يېڭى پاپا سايلاش ئۈچۈن كاردىناللار يىغىنلىرىنىڭ باشلىنىشىدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىندى.

پاپا فىرانسىسنىڭ ئورنىغا كىمنىڭ چىقىشىنى خالايدىغانلىقى سورالغاندا، ترامپ: «پاپا بولۇشنى خالايمەن، بۇ مېنىڭ بىرىنچى تاللىشىم بولاتتى» دېدى. لېكىن، مەلۇم بىر نامزاتنى [تاللايدىغانلىقىنى] كۆرسەتمىگەن ترامپ، نيۇ-يوركتا «ئىنتايىن ياخشى» بىر كاردىنالنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئارقىلىق نيۇ-يورك باش ئېپىسكوپى تىموتىي دولاننى كۆزدە تۇتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. دولان ئىلاھىيەتشۇناسلىق جەھەتتە مۇھاپىزىكار بىر شەخس بولۇپ، بالا چۈشۈرۈشكە قارشى مەيدانى بىلەن تونۇلغان.

ترامپ ئۆتكەن ھەپتە پاپا فىرانسىسنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدى. بۇ، ترامپنىڭ قايتا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتى ئىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، نوپۇسنىڭ %20 ى ئۆزىنى كاتولىك دەپ قارايدۇ ۋە نويابىردىكى راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، كاتولىك سايلىغۇچىلارنىڭ تەخمىنەن %60 ىنىڭ ترامپنى قوللاپ بېلەت تاشلىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

پاپا فىرانسىس، ترامپقا قاراتقان تەنقىدلىرى بىلەن دۇنيا سەھنىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئەخلاقىي سادالارنىڭ بىرى سۈپىتىدە قارىلاتتى. ترامپنىڭ 2016-يىلىدىكى تۇنجى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى پائالىيىتىدە، فىرانسىس ترامپنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا سېپىل سېلىش ۋەدىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانىدى. فىرانسىس: «كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت سېپىل سېلىشنىلا ئويلاپ، كۆۋرۈك سېلىشنى ئويلىمىغان كىشى خىرىستىيان ئەمەس» دېگەنىدى.

كاردىناللار 7-ماي ۋاتىكاندىكى سىستىنا ئىبادەتخانىسىدا يېڭى پاپىنى سايلاش ئۈچۈن جەم بولىدۇ.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى