غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە، غەززەنىڭ %75 ىنى ئشغال قىلىشنى ۋە پەلەستىنلىكلەرنى سۈرگۈن قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە كونتروللۇقى ئاستىدىكى زېمىننى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاماسقا تەۋە دەپ قارىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىسرائىلىيە، غەززەنىڭ %75 ىنى ئشغال قىلىشنى ۋە پەلەستىنلىكلەرنى سۈرگۈن قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىسرائىلىيە، غەززەنىڭ %75 ىنى ئشغال قىلىشنى ۋە پەلەستىنلىكلەرنى سۈرگۈن قىلىشنى پىلانلىماقتا / Reuters

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، كېلەر ئىككى ئاي ئىچىدە غەززەنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە. بۇ پىلان، تەخمىنەن 2 مىليون پەلەستىنلىكنى قورشاۋ ئاستىدىكى رايوننىڭ پەقەت تۆتتىن بىر قىسمىغا قىستاپ قويۇشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار، ھەر خىل تاراتقۇ خەۋەرلىرى ۋە رەسمىي باياناتلارغا ئاساسلانغان.

يېقىنقى مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك دوكلات يىغىنىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن پىلانغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى پەلەستىنگە تەۋە غەززە دېڭىز قىرغىقى لېنىيەسىنىڭ تەخمىنەن %75 ىنى، يەنى غەززەنىڭ جەمئىي 365 كۋادرات كىلومېتىرلىق يېرىنىڭ 275 كۋادرات كىلومېتىرلىق قىسمىنى ئىيۇل ئېيىغىچە ئىشغال قىلماقچى.

قالغان پەلەستىن نوپۇسى بولسا، ئۈچ ئايرىم رايونغا سۈرىلىدۇ: شىمالدا غەززە شەھىرى، غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرى ۋە جەنۇبتىكى ماساۋى رايونى.

ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارلار، بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتىنىڭ ھاماسنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىش ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، بۇ ھۇجۇمنىڭ پۇقرالارنى يېڭى ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار قىلىدىغانلىقى ۋە مەجبۇرىي كۆچۈشنى جىددىي دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، مارت ئېيىدىكى قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن باشلانغان ھۇجۇملار بىلەن ھازىر رايوننىڭ تەخمىنەن %40 ىنى ئىشغال قىلغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ، تېلېگرام ھېسابىدا ئېلان قىلغان بىر ۋىدېئودا ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسىنى قايتا تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. نېتانياھۇ: «غەززە لېنىيەسىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى كونتروللۇقىمىز ئاستىغا ئالىمىز» دېدى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشىنىڭ ھاماس يېڭىلگەنگە قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئەمما تەنقىدچىلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ ئايلارچە داۋاملاشقان بومباردىمان ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىماي، ھاماسنى يېڭەلمىگەنلىكىگە دىققەلەرنى تارتىپ، ئۇرۇشنىڭ ئېلان قىلىنغان نىشانلىرىغا نىسبەتەن گۇمانلىرىنى ئىپادىلىمەكتە.

مەجبۇرىي يەر ئۆزگەرتىش

بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى، غەززە مىقياسىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇمنى بىردەك تەستىقلىدى. ھەرىكەت پىلانى، پەقەت قالغان زېمىنلارنى ئىشغال قىلىشنىلا ئەمەس، بەلكى رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى، پىلاننىڭ يەنە غەززەنىڭ شىمالىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەنۇبىي رايونلارغا كۆچۈرۈلۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بۇ ھەرىكەتنى مەجبۇرىي يەر ئۆزگەرتىش دەپ ئاتاپ ئەيىبلىدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە قوللىغان تالاش-تارتىشلىق بىر خۇسۇسىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندىنىڭ بۇ ھەپتە غەززەدە ياردەم تارقىتىشقا باشلاشقا تەييارلىق قىلىشى بىلەن ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كەلدى. فېۋرال ئېيىدا قۇرۇلغان غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى، ياردەملەرنى پەقەت غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى چەكلىك ساندىكى بېكىتىلگەن «بىخەتەر تارقىتىش نۇقتىلىرى» ئارقىلىق يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.

تەنقىدچىلەر، بولۇپمۇ ب د ت ئەمەلدارلىرى، بۇ پىلاننىڭ ئىنسانىي كرىزىسنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرىلىشىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، تېخىمۇ كۆپ زېمىننى ئىشغال قىلىشقا ئەگىشىپ، ھاماس بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنىمۇ ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ سىياسەت، ئاللىبۇرۇن پۈتۈن رايوندا كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولدى.

غەززەنىڭ زور بىر قىسمى خارابىلىككە ئايلانغان بولۇپ، مىڭلىغان ئۆي ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر يا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى ياكى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى. بۇ ئەھۋال، ئۇرۇش رايونىدا قاپسىلىپ قالغان نوپۇس ئۈچۈن كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»