2 مىنۇت ئوقۇش
ئەرمېنىيە ئەزەربەيجانغا تىنچلىق كېلىشىمى تەكلىپى سۇندى
ئەرمېنىيە ئەزەربەيجانغا مىنسك گۇرۇپپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچلىق كېلىشىمى تەكلىپ قىلدى.
ئەرمېنىيە ئەزەربەيجانغا تىنچلىق كېلىشىمى تەكلىپى سۇندى
Pashinyan wants to ensure peace with Azerbaijan comes with clear Minsk Group closure. / AFP

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان: «ئەگەر بىز قاراباغ مەسىلىسىگە دائىر بۇ بەتنى ياپماقچى بولساق، ھەقىقەتەنمۇ ياپىمىز، ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر فورماتقا نېمە ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولىمىز؟» دېدى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان سەيشەنبە كۈنى، ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسك گۇرۇپپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار بىر ھۆججەتنىڭ تەڭ بىر ۋاقىتتا قوبۇل قىلىنىشىنى تەكلىپ قىلدى.

ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى يېرىۋاندىكى دۆلەتلىك پارلامېنتتا سۆز قىلغان پاشىنيان: «ئەزەربەيجاننىڭ ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسك گۇرۇپپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش يۆنىلىشىدە ئوتتۇرىغا قويغان كۈنتەرتىپىنى چۈشىنىمىز. ئەگەر بىز قاراباغ مەسىلىسىگە دائىر بۇ بەتنى ياپماقچى بولساق، ھەقىقەتەنمۇ ياپىمىز، ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر فورماتقا نېمە ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولىمىز؟» دېدى.

ئەمما پاشىنيان، مىنسك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر مەزمۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە يېرىۋاننىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ بۇ ئاخىرقى تەشەببۇسىنى «توقۇنۇشنى ئۆز زېمىنىدا ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەرمېنىيە زېمىنىغا يۆتكەش» دەپ قارىمايدىغانلىقىغا دائىر ئىشەنچكە ئىگە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاشىنيان: «بىر تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلۈشىنى ۋە مىنسك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ بىر ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىنى تەكلىپ قىلىمىز. يەنى، ھەر ئىككى ھۆججەتنىڭ ئوخشاش كۈندە ئىمزالىنىشىنى تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.

ئەزەربەيجان پاشىنياننىڭ تەكلىپى ھەققىدە تېخى پىكىر بىلدۈرمىدى.

 

قاراباغ ئۇرۇشى

 

1992 - يىلى قۇرۇلغان شۇنداقلا فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكانىڭ تەڭ دەرىجىلىك رەھبەرلىكىدە بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسك گۇرۇپپىسى، قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

بۇ ئىككى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، 1991-يىلى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ، خەلقئارادا ئەزەربەيجاننىڭ بىر پارچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان قاراباغ ۋە ئەتراپىدىكى يەتتە رايوننى ئىشغال قىلىشىدىن بۇيان جىددىيچىلىك ھالىتىدە تۇرماقتا.

ئەزەربەيجان بۇ رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى، 2020 - يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا 44 كۈن داۋاملاشقان بىر ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلدى. تەرەپلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش، رۇسىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمى بىلەن ئاخىرلاشتى ۋە بۇ كېلىشىم بىلەن بىرگە، نورماللىشىش ھەمدە چېگرا بەلگىلەش سۆھبەتلىرىنىڭ يولى ئېچىلدى.

ئەزەربەيجان 2023-يىلى سېنتەبىردە رايوندىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر تەسلىم بولغاندىن كېيىن قاراباغتا تولۇق ھاكىمىيەت ئورناتتى.

يېرىۋان ۋە باكۇ دائىرىلىرى، مارت ئېيىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى، لېكىن شۇنىڭدىن بۇيان ھەر ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى چېگرا ھالقىپ ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى