ترامپ: سۈرىيەنىڭ ئاچقۇچى تۈركىيەنىڭ قولىدا بولىدۇ، بۇ بىر ئەمەلىيەت
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى سۆزى جەريانىدا: «(جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان) ناھايىتى ئەقىللىك ۋە كۈچلۈك بىرى» دېدى.
00:00
ترامپ: سۈرىيەنىڭ ئاچقۇچى تۈركىيەنىڭ قولىدا بولىدۇ، بۇ بىر ئەمەلىيەت
ترامپ / Reuters

فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ مارالاگو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يېڭى ۋەزىيەت ھەققىدە توختالغان دونالد ترامپ: «تۈركىيە ناھايىتى ئەقىللىك. (جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان) ناھايىتى ئەقىللىك ۋە كۈچلۈك بىرى. ئەسەدنىڭ بالىلارغا قىلغانلىرىغا قاراپ، ئۇنى جاللات دېيىشكە بولىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، بىر مۇخبىرنىڭ «سۈرىيەدىكى 900 ئامېرىكا ئەسكىرى مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى بولۇۋاتىسىز؟» دېگەن سوئالىغا: «بۇنى قىلىشنىڭ باشقا بىر يولى بولۇشى كېرەك. بۇلارنىڭ بىرى تۈركىيە» دەپ جاۋاب بەردى.

تۈركىيەنىڭ «مۇھىم بىر كۈچ» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ترامپ: «(جۇمھۇر رەئىس) ئەردوغان مەن ياخشى چىقىشىدىغان بىرى. (تۈركىيەنىڭ) چوڭ ھەربىي كۈچى بار. بۇ كۈچ ئۇرۇشلاردا ھالسىرىمىدى. ئۇ ناھايىتى قۇدرەتلىك ۋە تەسىرى كۈچلۈك بىر ئارمىيە قۇردى» دېدى.

ترامپ، ئامېرىكانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدە تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بېرىپ ئۆتتى.

سۈرىيەدىكى ئىلگىرىلەۋاتقان كۈچلەرنىڭ ئارقىسىدا تۈركىيەنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن مەسىلە ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان ترامپ: «سۈرىيەنىڭ ئاچقۇچى تۈركىيەنىڭ قولىدا بولىدۇ. باشقا بىرىنىڭ بۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىمىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ئەمەلىيەت بۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى