سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
تەيۋەن خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەربىي كۈچىنىمۇ كۈچەيتمەكتە
تەيۋەن پرېزىدېنتى خىتاي بىلەن توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خام خىياللارنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىرگە، تىنچلىق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
تەيۋەن خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەربىي كۈچىنىمۇ كۈچەيتمەكتە
/ Reuters

تەيۋەن خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەربىي كۈچىنىمۇ كۈچەيتمەكتە.

تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې ۋەزىپە ئۆتەۋاتقىنىغا بىر يىل بولغان سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي بىلەن تىنچلىق ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئارالنىڭ مۇداپىئەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

خىتاي تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېنى «بۆلگۈنچى» دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە، كۆپ قېتىم ئۇنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى رەت قىلدى. لەي چىڭدې دېموكراتىك ۋە مۇستەقىل ئىدارە قىلىنىۋاتقان تەيۋەن ئارىلى ئۈستىدىكى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دەۋالىرىنى رەت قىلىپ، تەيۋەننىڭ كېلەچىكىنى پەقەت تەيۋەن خەلقىنىڭلا بەلگىلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئالدىنقى ھەپتە بىر ھۆكۈمەت باياناتچىسى خىتاينىڭ بۇ خاتىرە كۈنىنى ھەربىي مانېۋىرلار بىلەن خاتىرىلەش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 «ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى يوق»

 لەي چىڭدې پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تەيۋەن خەلقىنىڭ تىنچلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«مەنمۇ تىنچلىقنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى تىنچلىقنىڭ قىممىتىنى ھېچ نەرسە بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. دەرۋەقە، ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى يوق. لېكىن تىنچلىق ئىزدەش يولىدا خام خىياللارغا بېرىلىپ كېتەلمەيمىز.»

ئۇ، تەيۋەننىڭ مۇداپىئەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى، چۈنكى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تەيۋەننىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا خىتاي بىلەن تىنچلىق ھەم ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئىشىكى ھەردائىم ئوچۇقتۇر. جۈملىدىن، قامالنى ئۆزگىرىش بىلەن، توقۇنۇشنى سۆھبەت بىلەن ئالماشتۇرۇشنى خالايمىز.»

 خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى ئىنكاس قايتۇرۇش تەلىپىگە دەرھال جاۋاب بەرمىدى.

 ئالدىنقى ھەپتە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى لەي چىڭدېنى «تەيۋەن بوغۇزى كرىزىسىنىڭ ياراتقۇچىسى» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئۇنىڭ دۈشمەنلىكنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى، تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالدىنقى ئايدا خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا «بوغۇز گۈلدۈرمامىسى-2025A» ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى، ھەمدە بۇ مانېۋىرنىڭ ئاخىرىدىكى «A» ھەرىپى تېخىمۇ كۆپلىرىنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

خىتاي 2024-يىلى ماي ئېيىدا لەي چىڭدېنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىدىن كېيىنلا «بىرلەشمە قىلىچ-2024A» مانېۋىرلىرىنى ئۆتكۈزگەن ھەمدە شۇ يىلى ئۆكتەبىردە «بىرلەشمە قىلىچ-2024B» مانېۋىرلىرىنى ئۆتكۈزگەن  ئىدى.

ئىزدىنىڭ
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى