تۈركىيە بىلەن نىگېرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
تۈركىيە بىلەن نىگېرىيە سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەم تاشلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان بىلەن نىگېرىيە پىرېزىدېنتى تىنۇبۇ ئەنقەرەنىڭ ئافرىقادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە نىگېرىيە بىلەن بولغان سودا سوممىسىنى 5 مىليارد دوللارلىق نىشانغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا توققۇز كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
تۈركىيە بىلەن نىگېرىيە سەيشەنبە كۈنى سانائەت، سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ دائىرىسىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىشنى نىشان قىلغان يېڭى مېخانىزملارنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات نىگېرىيە پىرېزىدېنتى بولا ئەھمەد تىنۇبۇنىڭ تۈركىيەگە قىلغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئەنقەرە بىلەن ئابۇجانىڭ «بىرلەشمە ئىقتىساد ۋە سودا كومىتېتى» قۇرۇشقا ئائىت قوشما باياناتنى ۋە «ھالال ۋە سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى» نى ئىمزالىغانلىقىنى ئېيتتى.
بولات بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«ئۇچرىشىشتا سانائەت، سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدە ھەمكارلىقىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان تېمىلارنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلدۇق. بۇ كېلىشىملەر ھەر ئىككى دۆلەتتىكى كارخانىلار ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىدۇ.»
توققۇز كېلىشىم ئىمزالاندى
بولات ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى 5 مىليارد دوللارلىق نىشانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، سودىنى خىلمۇخىللاشتۇرۇش، مەبلەغنى كۆپەيتىش ۋە خۇسۇسىي ساھە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بولات يەنە تۈركىيەنىڭ نىگېرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى «ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق نۇقتىئىينەزەرى ئاساسىدا» داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەنقەرەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىككى تەرەپلىك ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت بولا ئەھمەد تىنۇبۇنىڭ ھۇزۇرىدا جەمئىي توققۇز كېلىشىم ئىمزالاندى.
بۇ كېلىشىملەر ھەربىي تەلىم - تەربىيە، مۇداپىئە، خەۋپسىزلىك، دىياسپورا سىياسىتى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئۇچۇر-ئالاقە، ئالىي مائارىپ، ھالال ۋە سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش گۇۋاھنامىسى، دىپلوماتىك تەلىم – تەربىيە، ئىجتىمائىي ۋە ئاياللار ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تىنۇبۇ مۇقىمسىزلىققا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىدە ئورتاق تىرىشچانلىقلارنىڭ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، نىگېرىيەنىڭ بولۇپمۇ خەۋپسىزلىك ۋە سودا ساھەلىرىدە تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلەر
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا 688 مىليون 400 مىڭ دوللارغا يەتتى.
نىگېرىيە ئېنېرگىيە سودىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندا، ئۆتكەن يىلى ئافرىقادىكى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولدى.
تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى؛ نىگېرىيە ھاۋا ئارمىيەسى تۈركىيەدە ئىشلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالتە دانە «ATAK T129» تىپلىق ھۇجۇمچى تىك ئۇچار سېتىۋالدى.
تۈركىيە شىركەتلىرى نىگېرىيەنىڭ قۇرۇلۇش، ئېنېرگىيە، توقۇمىچىلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، 50 تىن ئارتۇق تۈركىيە شىركىتى بۇ دۆلەتكە تەخمىنەن 400 مىليون دوللارلىق مەبلەغ سالدى.
تۈركىيە ھۆددىگەرلىرىنىڭ نىگېرىيەدە ئۈستىگە ئالغان تۈرلەرنىڭ قىممىتى 3 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ
1960-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۈركىيە بىلەن نىگېرىيە، ئابۇجا قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى گۇرۇھلىرىغا قارشى كۈرىشىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، بولۇپمۇ خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىقىنىڭ دائىرىسىنى مۇقىم ھالەتتە كېڭەيتتى.