سۈرىيە بىلەن ئامېرىكا دەمەشق ئەتراپىدا دائېشنىڭ بىر رەھبىرىنى قولغا چۈشۈردى
سۈرىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى دەمەشق ئەتراپىدا دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبىرىنى قولغا چۈشۈردى.
سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قولغا چۈشۈرۈلگەن تاھا ئەززۇبىنىڭ دەمەشق ئەتراپىدا دائېش ھەرىكەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. سۈرىيە دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى گۇماندارنىڭ ئۈستىگە پارتلاتقۇچ جىلىتكە كىيىۋالغان ھالەتتە قولغا چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
سۈرىيە تەرەپ پايتەخت دەمەشق ئەتراپىدا سۈرىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتى داۋامىدا، دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئەبۇ ئۆمەر تىبىيە» دەپمۇ تونۇلغان گۇماندار تاھا ئەززۇبى دائېشنىڭ دەمەشقتىكى ئاتالمىش «ۋالىيسى» سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىكەن.
گۇماندار چارشەنبە كۈنى كېچىدە بىرنەچچە ياردەمچىسى بىلەن بىرگە قولغا چۈشۈرۈلدى.
سۈرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى «ئەلئىخبارىييە» نىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر مەنبەنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بىلەن ئىچكى بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت نەتىجىسىدە، دائېشنىڭ ئاتالمىش دەمەشق ۋالىيسى قولغا چۈشكەن.
دەمەشق ئەتراپىدىكى ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بىرىگادا گېنېرالى ئەھمەد ئەددالاتى سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى سانا (SANA) غا بەرگەن باياناتىدا، ئەززۇبىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەقىب قىلىنىش نەتىجىسىدە قولغا چۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئەددالاتى مەزكۇر ھەرىكەتنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئومۇمىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇئەددەمىيە رايونىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان دائېشنىڭ بىر يەر ئاستى تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەددالاتى يەنە ئەززۇبى ۋە ئۇنىڭ بەزى ياردەمچىلىرىنىڭ ئۈستىگە پارتلاتقۇچ جىلىتكىلەرنى كىيىۋالغان ھالەتتە قولغا چۈشكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.