غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، ھاماسنى ئاگاھلاندۇردى
ترامپنىڭ <ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى توختاتتى> دېگەن سۆزىگە قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋ ئاستىدىىكى پەلەستىن رايونلىرىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە كەم دېگەندە 29 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلدى.
ترامپ، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، ھاماسنى ئاگاھلاندۇردى
ترامپ، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، ھاماسنى ئاگاھلاندۇردى / AA

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ھاماسنى گۆرۈدىكىلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە تىنچلىق سۆھبىتىدە تېز ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى. ھاماس جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بارلىق ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى — ھايات قالغان ۋە قازا قىلغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا — قويۇپ بېرىشكە ۋە غەززەنىڭ باشقۇرۇشىنى تېخنوكىراتلاردىن تەشكىل تاپقان مۇستەقىل بىر پەلەستىن ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ترامپ ئۆزىنىڭ «Truth Social» ناملىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا: «ئىسرائىلىيەنىڭ گۆرۈدىكىلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە تىنچلىق كېلىشىمىنى تاماملاشقا پۇرسەت يارىتىش ئۈچۈن بومباردىمان قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى تەقدىرلەيمەن. ھاماس تېز ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، بولمىسا بارلىق كېلىشىملەر بىكار بولىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

بىراق، ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى توختاتقانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە قارىماي، ئىسرائىلىيە شەنبە كۈنىمۇ قورشاۋدىكى پەلەستىن رايونىغا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇردى. سەھىيە خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 29 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ھاماس جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، غەززەنىڭ كەلگۈسى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مىللىي پەلەستىن رامكىسى ئىچىدە مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ترامپ بولسا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا: «كېچىكتۈرۈشكە سەۋرىم يوق، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتىدۇ، ياكى غەززەنىڭ قايتىدىن بىر تەھدىتكە ئايلىنىدىغان نەتىجىنى قوبۇل قىلمايمەن. كېلىڭلار، بۇ ئىشنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلايلى. ھەممە ئادەم ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشىدۇ!» دېدى.

ترامپ جۈمە كۈنى ھاماسقا، پىلاننى تەستىقلىشى ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون ۋاقتى كەچ سائەت 18:00 (GMT 22:00) گىچە ۋاقىت بەردى.

بۇ پىلاندا غەززەنى قورالسىز رايونغا ئايلاندۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ترامپ رەھبەرلىكىدە يېڭى بىر خەلقئارالىق مېخانىزم ئارقىلىق ۋاقىتلىق بىر باشقۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇش كۆزدە تۇتۇلغان.

پىلان ھاماسنىڭ قولىدىكى بارلىق ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ تەستىقلانغاندىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە قويۇپ بېرىلىشىنى، بۇنىڭ بەدىلىگە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى يۈزلىگەن پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، توقۇنۇشلارنى توختىتىش، غەززەدىكى بارلىق قوراللىق گۇرۇپپىلارنى قورالسىزلاندۇرۇش ۋە ئۇرۇش ۋەيران قىلغان دېڭىز بويى رايونىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ قەدەممۇ-قەدەم چېكىنىپ چىقىشى كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ رايون ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بىر خەلقئارالىق ئورگاننىڭ نازارىتى ئاستىدا تېخنوكراتىك بىر ئورگان تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - 'Ready for lasting peace' — Global reactions after Hamas responds to Trump's Gaza plan

ئىزدىنىڭ
غەززەدە ئىلگىرى نىشان قىلىنغان بىنادىن ئىككى ئائىلىگە تەۋە 99 جەسەت چىقىرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 1 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر پەلەستىنلىكلەرنى ۋە چەت ئەللىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى يارىلاندۇردى
غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
2023-يىلىدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى ئالدىنقى 17 يىلدىكى ئومۇمىي ساندىن ئېشىپ كەتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىسرائىلىيە يەنە سەككىز پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
قاتىل نېتانياھۇ: «نۆۋەتتە لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يوق» دېدى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 72 مىڭ 783 كە يەتتى
ئىسرائىلىيە غەززەگە يەنەھۇجۇم قىلىپ، بەش پەلەستىنلىك ساقچىنى ئۆلتۈردى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش پىلانى ھەققىدە ئاگاھلاندۇش ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىپ، غەززە شەھىرىدە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ب د ت دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنى «پەلەستىنلىكلەرنى سىستېمىلىق قىيىن – قىستاققا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى