تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان يېڭى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان يېڭى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدىتۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر زوراۋانلىق مۇھىتى يارىتىش ئورۇنۇشلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
00:00
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان يېڭى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى / AA

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قامال ئاستىدىكى غەززەگە قىلغان يېڭى ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، بۇ ھۇجۇملارنىڭ نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ «تەل ئاۋىۋنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا، بۇ زورۋانلىقنىڭ نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بىر زۇلۇم باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:  

«ئىسرائىلىيە خەلقئارا قانۇن ۋە ئالەمشۇمۇل قىممەت ئۆلچەملىرىنى ئەڭ ئېغىر شەكىلدە دەپسەندە قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى دۇئېل ئېلان قىلماقتا.»

مىنىستىرلىق ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا قايتىدىن تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، بۇنى قوبۇل قىلىنغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاگاھلاندۇردى:

«ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر زوراۋانلىق مۇھىتى يارىتىش ئورۇنۇشلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

ئەنقەرە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملىرىغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى، دەرھال ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىپ، پەلەستىننىڭ غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى توسالغۇسىز يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى:

«تۈركىيە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قەتئىي قوللايدۇ، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا داۋاملىق ھەسسە قوشىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى