خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھەسىنانىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ خاتىرە كۈنى: مىڭلىغان بېنگاللىق يىغىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا
بېنگالنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى، قوزغىلاڭنىڭ نەتىجىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن مىللىي ئىتتىپاقلىققا چاقىرىش بىلەن بىرگە، «ئاغدۇرۇلغان مۇستەبىتلەر ۋە مەنپەئەتپەرەس ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يەنىلا ھەرىكەتتە ئىكەنلىكىنى» بىلدۈردى.
ھەسىنانىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ خاتىرە كۈنى: مىڭلىغان بېنگاللىق يىغىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا
ھەسىنانىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ خاتىرە كۈنى: مىڭلىغان بېنگاللىق يىغىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا / Reuters

باش مىنىستىر شەيخ ھەسىنانىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ئەجەللىك نامايىشلارنىڭ بىرىنچى يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مىڭلىغان كىشىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بېنگالنىڭ پايتەختى داككاغا كېلىشى كۈتۈلمەكتە. يىغىلىدىغان ئامما يىغىلىش، كونسېرت ۋە دۇئا-تىلاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەييارلانماقتا.

بۇ پائالىيەتلەر، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە زۇلۇم تۈپەيلىدىن پارتلىغان خەلق قوزغىلىڭىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى مۇھەممەد يۇنۇس رەھبەرلىكىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قەدەر سوزۇلغان سىياسىي مۇساپىدىكى دېموكراتىك ئىسلاھات ئۈچۈن يول خەرىتىسى دەپ ئاتالغان بىر خىتابنامە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

مۇھەممەد يۇنۇس، نامايىشلارنىڭ ھەسىنانى قوشنا دۆلەت ھىندىستانغا قېچىشقا مەجبۇرلىغىنىغا بىر يىل بولغاندا ھاياتىنى پىدا قىلغانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ: «بىز بىرلىكتە، زوراۋانلىقن قايتا باش كۆتۈرەلمەيدىغان بىر بېنگالنى بەرپا قىلىمىز» دېدى.

مۇھەممەد يۇنۇس كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىشچىلار نارازىلىقى ۋە ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ تېزرەك ئىشقا ئېشىشىغا بولغان بېسىملار ئارىسىدا، تولۇق دېموكراتىك ھاكىمىيەتكە قايتىش ئۈچۈن تىنچ، ئادىل ۋە ئاشكارا سايلامنىڭ كېلەر يىلنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىگە ۋەدە بەردى.

يۇنۇس: «لېكىن، ئاغدۇرۇلغان مۇستەبىتلەر ۋە مەنپەئەتپەرەس ئىتتىپاقداشلىرى يەنىلا ھەرىكەتتە» دېدى شۇنداقلا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي پارتىيەلەر ۋە پۇقرالار جەمئىيىتى بىلەن ئىسلاھات سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇ جەرياندا، خەلق قوزغىلىڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىققا چاقىردى.

ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن يۇنۇس، «ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن مەسئۇل بولغانلارنى سوتلاش ئىشلىرىنىڭمۇ تېز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - From Palace to protest museum: Bangladesh marks a year since Sheikh Hasina’s fall

ساقچىلار پايتەخت مىقياسىدا يۇقىرى ھوشيارلىق ھالىتىدە تۇرۇپ، ھەسىنانىڭ چەكلەنگەن ئاۋامى بىرلەشمىسىنىڭ پائالىيەتلەرنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن برونېۋىكلار بىلەن كوچىلاردا چارلاش ئېلىپ بارماقتا.

ھەسىنا بېنگال خەلقىگە ئاتاپ يازغان ئوچۇق خېتىدە، باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ھەرگىز ئىستىپا بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ خاتىرە كۈنى ئۆتمۈشكە نەزەر سېلىش كۈنى ئەمەس، تېخىمۇ پارلاق ئەتە ئۈچۈن بىر چاقىرىق بولسۇن» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى. «بېنگال ئۆتمۈشتىمۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كەلگەن، بىز يەنە قايتىدىن ئورنىمىزدىن تۇرىمىز. تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئىتتىپاق ۋە خەلقىگە ھەقىقىي خىزمەت قىلىدىغان بىر دېموكراتىيە قۇرۇشتا تېخىمۇ قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ھالدا ئورنىمىزدىن تۇرىمىز»

يۇنۇس تەرىپىدىن كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغان «ئىيۇل خىتابنامىسى»، 2024-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭنى ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتتىن دېموكراتىيەگە ئۆتۈشنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىدۇ.

بۇ خىتابنامە گەرچە بەزى ئۆكتىچىلەر بولسىمۇ، سابىق باش مىنىستىر خالىدە زىيا رەھبەرلىكىدىكى بېنگال مىللەتچى پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ سىياسىي گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن قوللانماقتا.

قوللىغۇچىلار مەزكۇر خىتابنامىنى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈچۈن بىر ئاساس دەپ قارىسا، تەنقىدچىلەر قانۇنىي رامكا ياكى پارلامېنت ئورتاق تونۇشى بولمىسا، ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ ئاساسەن سىمۋوللۇق ھالەتتە قېلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى