تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
رىم كولىزېي چوڭ تىياتىرخانىسىدا تۈركىيەنىڭ گۆبەكلىتەپە ئىبادەتخانىسىدىكى قەدىمىي خەزىنىلىرى كۆرگەزمە
رىمنىڭ سىمۋولى بولغان كولىزېي چوڭ تىياتىرخانىسى، تۈركىيە بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ھەمكارلىققا ئاساسەن، دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي ئىبادەتخانىسى بولغان گۆبەكلىتەپە ئىبادەتخانىسىدىكى يادىكارلىقلارنى كۆرگەزمە قىلدى.
00:00
رىم كولىزېي چوڭ تىياتىرخانىسىدا تۈركىيەنىڭ گۆبەكلىتەپە ئىبادەتخانىسىدىكى قەدىمىي خەزىنىلىرى كۆرگەزمە
رىم كولىزېي چوڭ تىياتىرخانىسىدا تۈركىيەنىڭ گۆبەكلىتەپە ئىبادەتخانىسىدىكى قەدىمىي خەزىنىلىرى كۆرگەزمە قىلىنماقتا / TRT Global

رىم تىياتىرخانىسىدا، تۈركىيەنىڭ ئانادولۇدىكى پۈتمەس – تۈگىمەس خەزىنىلىرىدىن بىرى بولغان گۆبەكلىتەپە ئىبادەتخانىسىدىكى 12 مىڭ يىللىق ئارخېئولوگىيەلىك خەزىنىلەردىن ئۈچ تاش يادىكارلىق كۆرگەزمە قىلىنماقتا. بۇكۆرگەزمە ئۇدا ئالتە ئاي داۋاملىشىدۇ.

بۇ پائالىيەت تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيەنىڭ رىم ئەلچىخانىسى، ئىتالىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، كولىزېي ئارخېئولوگىيە باغچىسى باشقارمىسى، رىم مۇنبىرى ئىدارىسى ۋە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يوللىرى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلماقتا.

پەيشەنبە كۈنى باشلانغان كۆرگەزمە مەزكۇر تارىخىي يادىكارلىقلاردىن سىرت يەنە، گۆبەكلىتەپە قارشى ئېلىش مەركىزىدە كۆرسىتىلگەن فىلىملەر، ۋىدېيولار ۋە ئۇچۇر ئېلانلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى گۆكخان يازىجى بىلەن ئىتالىيە  مۇئاۋىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى قاتناشتى.

گۆكخان يازىجى مۇراسىمنىڭ ئېچىلىشىدا مۇنداق دېدى:

«ئەسىرلەردىن بۇيان دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قارىلىۋاتقان كولىزېي چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ ئارامبەخش مۇھىتى ئاستىدا، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بەزىلىرىگە ساھىبخانلىق قىلغان گۆبەكلىتەپەنىڭ چوڭقۇر ۋە قەدىمىي تارىخىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىمىز.»

تارىخىي كولىزېي چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمە 2025-يىلى 20-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدۇ. مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە مۇزېيلار باش ئىدارىسى بۇ كۆرگەزمە ئۈچۈن تەقلىدىي بۇيۇملار ۋە خەتلىك فىلىملەرنى مەخسۇس تەييارلىدى. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى كۆرگەزمە قىلىنىدىغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ رىمغا توشۇلۇشى ئۈچۈن ھەقسىز توشۇش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

 دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي ئىبادەتخانىسى

 مېھمانلارغا گۆبەكلىتەپە بۇغدىيىدىن ياسالغان نان، باقلاۋا، لوقۇم، تۈركىيە ۋە ئىتالىيە تائاملىرىدىن ھەر خىل يېمەكلىكلەر ئىكرام قىلىندى.

دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي ئىبادەتخانىسى دەپ ئاتالغان گۆبەكلىتەپە ئىبادەتخانىسى 2011-يىلىدىن بۇيان ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.

1963-يىلى ئىستانبۇل ۋە چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئورتاق تەتقىقاتلىرى جەريانىدا بايقالغان بۇ ئىبادەتخانا تۈركىيەنىڭ شانلىئۇرفا ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا زىيارەتچىلىرىنىڭ سانى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۆپىيىپ، رېكورت ياراتتى.

ئەڭ ئاخىرىدا قوشۇلغان ئىسسىق ھاۋا شارى سەيلىسى بۇ قەدىمىي مۆجىزىگە يېڭى پەنجىرىدىن نەزەر تاشلاش ئىمكانىيىتى يارىتىپ، زىيارەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى تېخىمۇ بېيىتتى.

 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا