ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ۋاشىنگتوننىڭ ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى ھۇجۇملارنى ئويلىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن كېيىن، دۆلىتىنىڭ ئىرانغا ھەتتا «ئەتە» مۇ زەربە بېرىشى ياكى تېھران ھۆكۈمىتى بىلەن «چوڭ ۋە گۈزەل» بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
تىرامپ مۇخبىرلارنىڭ ئېھتىماللىقى بولغان بىر ھۇجۇم توغرىسىدا قارار چىقىرىش باسقۇچىغا قانچىلىك يېقىنلاشقانلىقىغا دائىر سوئالىغا قارىتا: «بۇنى ئويلىشىۋاتىمىز، بەلكىم ئەتە قىلارمىز» دەپ جاۋاب بەردى.
تىرامپ: «بۇنى قىلىدىغان بولسام، سىلەرگە ھەقىقەتەن ئېيتىپ بېرىدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئارقىلىق يېڭى ھەربىي ھۇجۇملاردىن ئۆزىنى ساقالاپ قالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تىرامپ: «كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ، ئەمما مەسىلە شۇكى: كېلىشىمگە ئەمەل قىلامدۇ؟» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
مەقسىتىنىڭ ئىراننىڭ كەلگۈسىدە يادرو قورال تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى توسۇش ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلغان تىرامپ، ئىلگىرى B-2 بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا ھەرىكىتىنىڭ مەڭگۈلۈك بىر نەتىجە بېرىشكە يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تىرامپ: «بۇنى مەڭگۈلۈك قىلىشىم كېرەك. بۇنى قىلىشىمدىكى بىردىنبىر سەۋەب مۇشۇ» دېدى.
سايلاندىن كېيىنكى ھۇجۇم پىلانلىرى
تىرامپ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ھۆرمۈز بوغۇزىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نېفىت توشۇش مىقدارىنىڭ ئاشقانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملەرگە ئالاقىدار قەتئىي بىر قارار ئېلان قىلمىغان تىرامپ، ھەم ھەربىي مۇداخىلىنىڭ ھەم سۆھبەتلەرنىڭ ئېھتىماللىققا ئىگە تاللاشلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تىرامپ: «بەلكىم ئىشنى پۈتۈنلەي تۈگىتىشىمگە توغرا كېلەر ياكى بەلكىم ئۇلار بىر كېلىشىم ھاسىل قىلار. ئەمما مەن جەزم قىلالمايمەن. ھەر ئىككى ئەھۋالدامۇ غالىب كەلگۈچى بىز بولىمىز» دېدى.
بولۇپمۇ The New York Times» » گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان يېقىنقى خەۋەرلەر، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن كېيىن ئىرانغا قىلىنىدىغان يېڭى ھۇجۇملار ئۈچۈن ھەربىي تەييارلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ھەمدە قىسقا ۋاقىتلىق ئەمما كەسكىن بىر ھەرىكەتكە ئالاقىدار تەپسىلىي پىلانلار ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر گېزىت ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارغا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەر ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە كىشىلەرگە ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم مانېۋىرلىرىنى سىناق قىلىش مەقسىتىدە ئىراق ھاۋا تەۋەلىكىدە ئېلىپ بارغان ئۇچۇشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي مانېۋىرلىرىنى كۆپەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئېھتىماللىقى بولغان نىشانلار ئارىسىدا ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى، يادرو ئەسلىھەلىرى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قورال ئامبارلىرىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.
فېۋرال ئېيىدا باشلانغان ۋە ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر توقۇنۇشقا سەۋەب بولغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش، ئۇرۇش توختىتىشقا ۋە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئاياغلىشىشى توغرىسىدىكى بىردەكلىككە قارىماي تېخىچە ھەل بولماي كەلمەكتە.




















