ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
چارلى كىرك قاتىللىق دېلوسىنىڭ گۇماندارى تايلېر روبىنسون كىم؟
22 ياشلىق تايلېر روبىنسون (Tyler Robinson) يۇتا ئىشىتاتىدا بىر ئائىلە دوستىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن قولغا ئېلىندى. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلىرىدا پەقەت ئائىلە خاتىرىلىرىلا بار، سىياسەتكە ئالاقىدار ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.
چارلى كىرك قاتىللىق دېلوسىنىڭ گۇماندارى تايلېر روبىنسون كىم؟
تايلېر روبىنسون يۇتا تۈرمىسىگە قامالدى. سۈرەت: ئا پ. / AP

چارلى كىركنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى 22 ياشلىق تايلېر روبىنسون يۇتا ئىشىتاتىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان ۋاقىتتا ئۇ ئائىلىسى بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇ بىر قېتىملىق سۆھبەتتە كونسېرۋاتىپ تەسىر كۈچكە ئىگە شەخسنى تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ جۈمە كۈنى (12-سېنتەبىر) بىلدۈرۈشىچە، روبىنسون پەيشەنبە كۈنى (11-سېنتەبىر) كەچتە بىر ئائىلە دوستىنىڭ ساقچىغا پاش قىلىشىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. مەسئۇل خادىملار ھازىرچە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر سەۋەبنى ئاشكارىلىمىدى.

يۇتا ئىشىتاتى باشلىقى سپېنسېر كوكس (Spencer Cox) مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، « قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان بىر ئائىلە ئەزاسى، روبىنسوننىڭ يېقىندا كىركنىڭ يۇتا جىلغىسى ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەيدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن كىركنى ياقتۇرمايدىغانلىقلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېيتتى» دېدى.

 كىرك سەيشەنبە كۈنى  (9-سېنتەبىر) شۇ يەردە ئېتىلغان ئىدى.

ئائىلە ئەزاسىنىڭ قانۇن خادىملىرىغا بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردا روبىنسوننىڭ سىياسىي مەيدانىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغان.

ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا تېپىلغان ئوق مىشەكلىرىدە، فاشىستلارغا قارشى شوئارلارغا ئوخشايدىغان خەتلەرنىڭ ئويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قاتىللىق ۋە باشقا ئېغىر دەرىجىدىكى جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان روبىنسوننىڭ، رويتېرس ئاگېنتلىقى تەكشۈرگەن ئىشىتات خاتىرىسىگە قارىغاندا جىنايى قىلمىش تارىخى يوق. سايلام خاتىرىسىگە قارىغاندىمۇ ئۇنىڭ ھېچقانداق سىياسىي پارتىيە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Charlie Kirk murder suspect in custody: Trump

روبىنسون 2021-يىلى يۇتا ئىشىتاتىنىڭ سانت جورجى (St. George) شەھىرىدىكى پاين ۋىيۇ (Pine View) تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ توردىكى بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، ئۇ سەھنىدە دىپلومىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندا خۇشاللىق بىلەن ئالقىشلىنىدۇ.

مەكتەپنىڭ رويتىرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، روبىنسون شۇ يىلى كۈزدە لوگاندىكى يۇتا ئىشىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا بىر مەۋسۇم ئوقۇغان. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتىن ئايرىلغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

ئانىسىنىڭ فەيسبۇكقا يوللىغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، روبىنسوننىڭ يۇتا ئىشىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتتىن تۆت يىللىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەكلىپ قىلغان خەتنى ئوقۇۋاتقانلىقى، ئانىسىنىڭ بولسا خۇشاللىق بىلەن ئالقىشلىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

باشقا بىر يازمىدا، روبىنسوننىڭ ACT ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدىن 34 نومۇر ئالغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. پرىنسېتون رىۋيۇ (Princeton Review) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نومۇر ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئالدىنقى %1 ى ئىچىدە ئىكەن.

پەقەت ئائىلە ھاياتىغىلا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

روبىنسون قولغا ئېلىنغىچە بولغان ئارىلىقتا نېۋادا چېگراسىغا يېقىن، يۇتا ئىشىتاتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ۋاشىنگتون ناھىيەسىدىكى ئائىلىسىدە ياشايتتى.

ئىشتات باشلىقى كوكسنىڭ ئېيتىشىچە، روبىنسوننىڭ ئىككى كىچىك ئىنىسى بار بولۇپ، ئانىسى پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەيدىغان بىر سەھىيە شىركىتىدە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ، ئاتىسىنىڭ كەسپى تېخى ئېنىق ئەمەس.

ئانىسىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى فەيسبۇك يازمىلىرى ئاساسلىقى ئائىلىسىنى مەركەز قىلغان. ئالياسكا، كارىب دېڭىزى ۋە دىسنىي باغچىسىغا قىلغان ساياھەتلەر، مەكتەپ تىياتىرلىرى، جىن ئەرۋاھلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ خاتىرىلىرى ۋە  ئەرمەك ھايۋانلىرىنىڭ سۈرەتلىرى بار. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدا سىياسىي مەزمۇن يوق.

جىنايى قىلمىش تارىخى يوق

باشقا يازمىلاردا روبىنسون ۋە ئىنىلىرى بەزىدە قورال بىلەن كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال قورال قانۇنلىرى ئەركىن بولغان يۇتا ئىشتاتىدا نورمال ھېسابلىنىدۇ.

ئانىسى بىر يازمىسىدا 2021-يىلى ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپكە كۆچۈشىگە ياردەم بەرگەندە: «ئۇنى تاشلاپ كېتىش، مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قىلغان ئەڭ قىيىن ئىشلىرىمنىڭ بىرى بولدى. ئۇ مۇستەقىل ياشاش سەپىرىنى باشلىغاندا بەك ھاياجانلاندى، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى قالتىس ئىش بولىدۇ» دەپ يازغان.

كوكسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە (11-سېنتەبىر) كەچتە بىر ئائىلە ئەزاسى ئائىلە دوستىغا تېلېفون قىلغان. ئائىلە دوستى بولغان كىشى ۋاشىنگتون ناھىيەسىنىڭ ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، «روبىنسوننىڭ ئۆزىنى ئىقرار قىلغانلىقى ياكى ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقىنى ئىما قىلغانلىقى» توغرىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزگەن.

روبىنسوننىڭ ئۆي دوستى يەنە روبىنسوننىڭ دىسكورد (Discord)  سۇپىسى ئارقىلىق يوللىغان ئۇچۇرلارنى كۆرسەتكەن. بۇ ئۇچۇرلاردا ئۇنىڭ بىر مىلتىقنى لۆڭگە بىلەن ئوراپ چاتقالغا تاشلاپ كەتكەنلىكى بار. مىلتىق ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېقىن ئورمانلىق جايدىن تېپىلدى.

روبىنسون يۇتا ناھىيەسى تۈرمىسىگە قامالدى. بۇ تۈرمە چارلى كىرككە ئوق ئېتىلغان ئۇنىۋېرستېتنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن  19 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىسپان فورك (Spanish Fork) قا جايلاشقان.

تايلېر روبىنسون ئۈستىدىن رەسمىي جىنايەت بېكىتىلمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - FBI releases video of Charlie Kirk shooting suspect fleeing scene

ئىزدىنىڭ
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىسىرلىق مەنسەپدىشى بىلەن رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرىلەشتى
يېقىن شەرقتىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىماي، ھاجى نامزاتلىرىنىڭ سانى 2025-يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى
ئىران: «ترامپ ئۇرۇشنى قايتىدىن باشلىسا، بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن تېخىمۇ ۋەيران قىلغۇچ بولىدۇ»
ئىران: «ئامېرىكا ھۇجۇملارنى قايتىدىن باشلىسا، جاۋابىمىز ۋەيران قىلغۇچ بولىدۇ» دېدى
ئىسرائىلىيە غەززەگە يەنەھۇجۇم قىلىپ، بەش پەلەستىنلىك ساقچىنى ئۆلتۈردى
فرانسىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر بەن-گۋىرنىڭ فرانسىيە زېمىنىغا كىرىشىنى چەكلىدى
تۈركىيە مىللىي ئاخبارات ئىدارىسى (MİT) سۇرىيەدە دائىشقا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ باردى
پاكىستان باش مىنىستىرى، ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىتايغا زىيارەتكە بارىدۇ
«تۈركىيە ئەسىرىدە مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى
ئىران: «مۇزاكىرىلەردە ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەر ياكى ئايلاردا ئېنىق بىر بىر نەتىجىگە ئېرىشىش كۈتۈلمەيدۇ»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ترابزونسپور كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
خىتايدا بىر كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 82 خىتاي ئۆلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى