سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ئارمىيەسى بىلەن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئېتىشىشىدا، يەتتە ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى
پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باشلىغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىدە، قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن ئېتىشىش چىقتى. ئېتىشىشلاردا پاكىستان ئارمىيەسىدە تالاپەت كۆرۈلدى.
پاكىستان ئارمىيەسى بىلەن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئېتىشىشىدا، يەتتە ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى
پاکىستان ئارمىيەسى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ خەيبەر پاختۇنخۇا ئىشتاتىدا ئېلىپ بارغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىدە، يەتتە پاكىستان ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى، 19 قوراللىق ئۇنسۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

«داۋن» گېزىتى (Dawn) نىڭ بۈگۈنكى (12-سېنتەبىر) سانىدا بىلدۈرۈلىشىچە، خەيبەر پاختۇنخۇا ئىشتاتىدا قوراللىق كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا، ئەڭ ئاز دېگەندە يەتتە پاكىستان ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان، 13 ئەسكەر يارىلانغان.

يەرلىك ساقچىخانىلارنىڭ تەۋەلىكىدىكى بىر تاغلىق رايوندا، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ خەۋەپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە تۇزاق قۇرۇشى نەتىجىسىدە چىققان شىددەتلىك ئېتىشىشلاردا، بىر ئەسكەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى. يارىدارلارنىڭ يېقىن جايلاردىكى دوختۇرخانىلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە زاپاس ھەربىي كۈچلەرنىڭ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

پاكىستان بىخەتەرلىك تارماقلىرى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زور زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

پاكىستان پىرېزىدېنتى ئاسف ئەلى زەردارى ۋە باش مىنىستىر شاھباز شەرىف خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ 19 قوراللىق ئۇنسۇرنى ئۆلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكىتىنى تەبرىكلىدى، ھەمدە قىسىملارنىڭ جاسارىتى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىغا يۇقىرى باھا بەردى.

زەردارى: «پاكىستان تېررورلۇقنى يوقىتىشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە» دېدى.

باش مىنىستىر شاھباز شەرىف بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ خەيبەر پاختۇنخۇا ئىشتاتىنىڭ موخماند، شىمالىي ۋەزىرىستان ۋە باننۇ رايونلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەتلىرىنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى. ئۇ دۆلەتتىن تېررورلۇق پۈتۈنلەي يوقىتىلغىچە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەر، پاكىستان ئارمىيەسى پەيشەنبە كۈنى (11-سېنتەبىر) دىن باشلاپ ئىككى كۈندە دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدا ئېلىپ بارغان ئايرىم-ئايرىم ھەربىي ھەرىكەتلەردە، 19 قوراللىق ئۇنسۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن يۈز بەردى.

پاكىستاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى ھۇجۇملار كۆپىيىۋاتقان ئىدى. پاكىستان بۇنى ئافغانىستاندىكى «تەھرىك-تالىبان پاكىستان» (TTP) قوراللىق كۈچلىرىگە باغلاپ كەلمەكتە ئىدى.

كابۇل پاكىستاننىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Nineteen terrorists killed in northwestern region: Pakistan military

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى