تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەلەپ قىلىنغان تەقدىردە تۈركىيەنىڭ دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ئېھتىياجلىرىنىمۇ قاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا» / AA

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئۇتۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ساھەدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتقانلىقى» نى ئېيتتى.

شانلىئۇرفادا ئۆتكۈزۈلگەن تېكنوفېست (TEKNOFEST) شەرقىي جەنۇب پائالىيىتىدە سۆز قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ، نۆۋەتتىكى ئۇتۇقلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئۇتۇقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بۇ ساھەدە مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب يارىتىۋاتىمىز» دېدى ھەمدە ساھەدە پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان 4 مىڭ 500 دىن ئارتۇق شىركەت ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق خادىمنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا ھاۋا، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ئالەم بوشلۇقى ساھەلىرىدىكى تۈرلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى، يۇمشاق دېتاللىرى، سۇپىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئامبىرىغا كىرگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ تەلەپ كەلگەن تەقدىردە دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ئېھتىياجلىرىنىمۇ قاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ دوستلىرىنىڭ كۈچىيىشىنى ئۆز كۈچىنىڭ ئېشىشى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئەردوغان، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئورنىنى يېڭى رېكورتلار ۋە يۇقىرى رىقابەت كۈچىگە ئىگە، قوشما قىممىتى يۇقىرى سۇپىلار بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەردوغان بىر مەزگىللەر دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە تۈركىيەنىڭ 80% نىسبەتتە سىرتقا بېقىندا بولغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا، دۇنيا بويىچە مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورت قىلغۇچىلار قاتارىدا ئەڭ چوڭ 11- دۆلەت سالاھىيىتىگە ئېرىشلەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ پەقەت ئاۋغۇست ئېيىدىلا 511 مىليون 400 مىڭ دوللارلىق مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، يانۋاردىن ئاۋغۇستقىچە بولغان مەزگىلدىكى مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ئېكسپورتىنىڭ ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 16.2% ئېشىپ، 6 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يېڭى رېكورتلارنى يارىتىپ ھەمدە رىقابەت كۈچى يۇقىرى، قوشما قىممىتى يۇقىرى يېڭى سۇپىلارنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئۇتۇقلىرىنى تېخىمۇ ئالدىغا سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېكنوفېستنىڭ مىڭلىغان يىللىق ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر مىراسىغا ئىگە شانلىئۇرفادا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، شەھەرنىڭ تېببىي، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، گېئومېترىيە، فىزىكا ۋە پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان بۇ دائىرىدە باتتانى، سىنان بىن سابىت، ئىبنى ۋاسىف ئەل ھاررانى ۋە يۇنۇس ئەل ھاررانى قاتارلىق ئالىملار بىلەن بىرگە گۆبەكلىتۆپەنىمۇ ئىشارەت قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye, France ink new defence cooperation roadmap
ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە