سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇبىيو غەززەنى باشقۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو خەلقئارالىق كېڭەش ۋە پەلەستىنلىك تېخنوكراتلارنىڭ غەززەنى باشقۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما ھاماسنىڭ قورال تاشلاش مەسىلىسىدە يەنىلا بەزى سوئاللارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
رۇبىيو غەززەنى باشقۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇبىيو مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو غەززەدە يېڭى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ پات يېقىندا قۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن خەلقئارالىق قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋاشىنگتون غەززەدىكى نازۇك ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىيىتىنى (ئۇرۇش توختىتىش ھالىتىنى) مۇقىملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.

رۇبىيو يىل ئاخىرىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، غەززەنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ئۆكتەبىردە ۋاسىتە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن بۇيان زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ خەلقئارالىق باشقۇرۇش كېڭىشى ۋە پەلەستىن تېخنوكرات ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش، ئارقىدىنلا تىنچلىق ساقلاش قىسمىنى ئەۋەتىش پىلانىنى تىلغا ئېلىپ: «شۇڭا، بىز بىرىنچى باسقۇچنى تولۇق تاماملاشقا ئالدىراۋاتىمىز» دېدى.

رۇبىيونىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېخنوكراتلار گەۋدىسىگە قاتنىشىدىغان پەلەستىنلىكلەرنى بېكىتىشتە ئىلگىرىلەش بولغان. ۋاشىنگتون كونكرېت ۋاقىت جەدۋىلىنى بەرمىگەن بولسىمۇ، باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى «پات يېقىندا» يولغا قويۇشنى نىشانلىغان.

ئۇنىڭ بۇ باياناتلىرى، ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ بۇ ھەپتە دوھادا شېرىك دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارالىق تىنچلىق ساقلاش قىسمىنى پىلانلاش ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىنگە توغرا كەلدى.

ئەمما، ئۇ ھاماسنى قانداق قورالسىزلاندۇرۇش قاتارلىق مۇھىم سوئاللارنىڭ جاۋابسىز قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Netanyahu discusses possible renewal of Gaza aggression amid 2nd-phase talks

ئۇرۇشقا پېتىپ قېلىش ئەندىشىسى

ئەسكەر ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ جەڭگە پېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

رۇبىيونىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋاشىنگتون ئەسكەر چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان دۆلەتلەرگە قوشۇننىڭ ھوقۇق دائىرىسى ۋە مەبلەغ مەنبەسى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر ئىكەن.

ئۇ: «مېنىڭچە، بىز ئۇلاردىن قەتئىي ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن، يەنە بىر قانچە سوئالغا جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك. پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە دۆلەت بۇنىڭغا قىزىقىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ بىخەتەرلىك ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ غەززەنى قايتا قۇرۇشقا خەلقئارالىق مەبلەغ جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئۇرۇش قايتا باشلانسا، يەنە ۋەيران بولۇپ كېتىدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن كىم مىلياردلىغان دوللار ۋەدە بېرىدۇ؟ مەبلەغ چىقىرىدىغانلار كىمنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى بار-يوقلۇقىنى بىلىشنى خالايدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى