خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
ياپونىيەدە سۇ بېسىش ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ئېلان قىلىندى ۋە قاتناشتا توختاشلار يۈز بەردى.
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى / Reuters

تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بوران ۋاكاياما (Wakayama) ۋىلايىتىگە زەربە بەرگەندىن كېيىن ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايونلىرىغا تارقالغان ۋە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سۇ بېسىش ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان.

يەرلىك مەتبۇئاتلاردا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدە «تەيفۇ نۇمۇر 6» (Taifu No. 6) دەپ بىلىنىدىغان تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى»، چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپتە ۋاكاياما ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدا قۇرۇقلۇققا يېتىپ كەلگەن ھەمدە ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايونلىرىنىڭ كەڭ بىر قىسمىدا شىددەتلىك يامغۇر، كۈچلۈك بوران ۋە سۇ بېسىش خەۋپى ياراتقان.

«The Japan Times» گېزىتىنىڭ يەتكۈزۈشىچە بوران، ۋاكايامانىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا يېقىن يەردە قۇرۇقلۇققا يېتىپ كەلگەن ۋە ئارقىدىن دۆلەتنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقى بويىچە شىمالىي شەرققە قاراپ ئىلگىرىلىگەن.

ياپونىيە مېتېئورۆلوگىيە ئاگېنتلىقى، دەريالارنىڭ تېشىپ كېتىشى ۋە شىددەتلىك سۇ بېسىش تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلار ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيەسى بولغان ۋە ئاز ئۇچرايدىغان 5-سەۋىيەلىك ئالاھىدە سۇ بېسىش ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.

ۋاكا يامادا كوزا (Koza) دەرياسى بويىچە سۇ بېسىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. مەسئۇللار جىددىي ئەھۋال ئاگاھلاندۇرۇشلىرى چىقاردى ۋە شارائىتلارنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىشى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيەسى تۆۋەنلىتىلدى.

مەسئۇللار يەنە، دەريالارنىڭ تېشىپ كېتىشى، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋە قوشۇمچە يامغۇرلاردىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن رايون ئاھالىلىرىنى دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

«Kyodo News» خەۋەر پورتىدىكى بىر ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، «ژاڭمى»نىڭ تەسىرى ياپونىيەنىڭ غەربىدىن تېخىمۇ يىراقلارغا سوزۇلغان. يۈزلەرچە ئايروپىلان ئۇچۇشى بىكار قىلىنغان، پويىز قاتناشلىرى توختىتلغان ياكى كېچىكتۈرۈلگەن ھەمدە نۇرغۇن ۋىلايەتلەردىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن تارقاقلىشىش ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ئېلان قىلىنغان.

ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چۆڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلار، شىددەتلىك ھاۋا شارائىتىغا قارىتا تەدبىر سۈپىتىدە پائالىيەتلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتتى.

دۆلەتنى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئالغان كۈچلۈك بورانلار سەۋەبىدىن ئون مىڭلىغان ئائىلە توك ئۈزۈلۈپ قېلىشقا دۇچ كەلدى.

ئىلگىرى ئوكىناۋادىن (Okinawa) ئۆتكەن بۇ قېتىمقى بوران، قۇرۇقلۇققا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاجىزلىدى، لېكىن توكيو پايتەخت رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مېتېئورۆلوگلار، شىددەتلىك يامغۇرلارنىڭ پەيشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكى ۋە ياپونىيەنىڭ شەرقىدە سۇ بېسىش ھەمدە ھاۋا شارائىتىغا چېتىشلىق باشقا ئاپەت خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Tropical forest loss slows, but remains at an alarming level: researchers
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى