غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
جېنىن شەھىرىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوقىدا يارىلانغان پەلەستىنلىك، جىددىي ياردەم ماشىنىسىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن قانسىراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جېنىن شەھىرىدىكى ئۆيىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان بىر پەلەستىنلىك، داۋالاش ئەترەتلىرىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى سەۋەبىدىن قانسىراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

 

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى WAFA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىنلىك فەتھى ھازىمنىڭ جېنىن شەھەر مەركىزىدىكى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن. باستۇرۇپ كىرىش جەريانىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھازىمغا ئوق چىقارغان. ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان ھازىم، ئىسرائىلىيە رايونغا جىددىي ياردەم ماشىنىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن قانسىراپ ۋاپات بولغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىنلىك بۇ كىشىنىڭ جەسىتىنىمۇ ئېلىپ  كەتكەن.

مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا قارىتا ھۇجۇملىرىنى باشلىغان 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستىمۇ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇپ كىرىش، ھۇجۇم قىلىش ۋە قولغا ئېلىش ۋەقەلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئېشىش كۆرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار