تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندىئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار خەلقئارالىق قانۇنسىز پۇل ئالدامچىلىقى شايكىسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، 175 گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار خەلقئارالىق ئالدامچىلىق تورىغا ئېغىر زەربە بەردۇق» دېدى.

مىنىستىر گۈرلەك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، تېخنولوگىيە ۋە مالىيە سىستېمىسىنى جىنايەت قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق جىنايەت گۇرۇھلىرىغا قارشى كۈرەشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى. ئۇ جىنايەتتىن كەلگەن كىرىملەرنىڭ ئىزىنى قوغلاۋاتقانلىقلىرىنى، جىنايەتچىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئالاقە تورىنى ۋە جىنايى كىرىملىرىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان تۆت ئايرىم تەكشۈرۈشتە، «چاقىرىش مەركىزى» دېگەن نام ئاستىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان بەزى شىركەتلەرنىڭ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلان قىلغان فورېكىس ۋە كرىپتو پۇل مەبلىغى ئېلانلىرى بىلەن چەت ئەل پۇقرالىرىنى «يۇقىرى پايدا» بېرىش ۋەدىسى بىلەن ئالدىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

مىنىستىر گۈرلەك تەكشۈرۈش جەريانى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەردى:

«تەكشۈرۈش ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تېررورىزمنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ۋە پۇل يۇيۇش جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشىدا، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) ئىستانبۇل رايونلۇق باشقارمىسى تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى ۋە ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش شۆبىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلدى. مالىيە جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى (MASAK) نىڭ ئانالىزلىرى، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئېنىقلاشلىرى ھەمدە ئنترپل ئنپل ئرپل ئتپل ئنپل  خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تارماقلىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن يۈزلىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىلتىماسى نەتىجىسىدە، مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئاخىرقى مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچى قۇرۇلمىسىدا ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنى نىشان قىلغان تەشكىللىك ئالدامچىلىق تورىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئېچىپ تاشلاندى.

بۇ جىنايەت گۇرۇھى ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان خېرىدارلار ۋەكىللىرى ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى سىستېمىغا جەلب قىلغان. گۇماندارلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى مەبلەغ سېلىش سۇپىلىرىدا ساختا پايدا كۆرۈنۈشلىرىنى پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ پۇل سالدۇرۇشقا يېتەكلىگەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار پۇللىرىنى ئالماقچى بولغاندا، «ھېسابات توڭلىتىپ قويۇلدى»، «باج» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن قايتا پۇل تەلەپ قىلىنغان، يىغىلغان پۇللار چەت ئەلدىكى بانكا ھېساباتلىرىغا ۋە كرىپتو ھەميانلارغا يۆتكەلگەن. ياۋروپا، يىراق شەرق ۋە ئافرىقانى ئاساس قىلغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنى نىشان قىلغان بۇ تور، ئىككى يىل ئىچىدە پەقەت ئىشخانا چىقىمى ۋە مائاش تۆلەش ئۈچۈنلا تەخمىنەن 13 مىليارد لىرا ئەتراپىدا مەبلەغ ئوبوروتى قىلغان.

بۇ ئېنىقلاشلاردىن كېيىن، 28 شىركەتكە تەۋە 42 چاقىرىش مەركىزى ۋە 239 گۇماندارغا قارىتا ئىستانبۇل ۋە مۇغلا قاتارلىق شەھەرلەردىكى جەمئىي 286 ئادرېستا، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بۈگۈن سائەت 05:00 دە ماس قەدەملىك ھەرىكەت باشلاندى. سائەت 10:00 غىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلغان ھەركەتلەر داۋامىدا 175 گۇماندار قولغا ئېلىندى. ھازىر مەزكۇر ھەرىكەت ۋە تۇتۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.»

 مىنىستىرگۈرلەك تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئېلىپ بارغان بارلىق خادىملارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ: «كىشىلەرنىڭ ئەجرى ۋە توپلىغان مەبلىغىنى ساختا ۋەدىلەر بىلەن نىشان قىلغان، تېخنولوگىيە ۋە خەلقئارا مالىيە سىستېمىسىنى جىنايەت قورالى قىلىۋالغان تەشكىللىك گۇرۇھلارغا قارشى كۈرىشىمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
سومالىدا تۈركىيەنىڭ قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: خەلقىمىزنى خەۋپ - خەتەرلەردىن يىراق تۇتتۇق
ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتى: ئەردوغان تۈركىيەنى ئوتتۇرا شەرقتە ناھايىتى مۇھىم ئاكتىيورغا ئايلاندۇردى
11-سېنتەبىرنى كۆرمىگەن، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى بىلەن چوڭ بولغان يېڭى ئەۋلادلار
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا «تۈركپول» (TÜRKPOL) تەشكىلاتى قۇرۇلىدۇ
ئاقىنجى «İHA-300» ناملىق ئۇلترا ئاۋاز تېزلىكىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن دەل نىشانغا زەربە بەردى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
ئاقدېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇھىتنى قوغداش ھەرىكىتى فەتھىيەدە باشلاندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپا چېمپىيونى بولغان تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى: غەززەنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى رەت قىلىمىز
تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى: «تارىخىي ھەقىقەتلەر بۇرمىلانماقتا»