سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ماسك: ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن يېڭى بىر سىياسىي پارتىيە قۇرۇشقا ئېھتىياج بار
ترامپ بىلەن بولغان ئىختىلاپى داۋاملىشىۋاتقان ماسك ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن يېڭى بىر سىياسىي پارتىيە قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ماسك: ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن يېڭى بىر سىياسىي پارتىيە قۇرۇشقا ئېھتىياج بار
/ Reuters
2025-يىلى6-ئاينىڭ7-كۈنى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سابىق ئىتتىپاقدىشى ئېلون ماسك بىلەن بولغان جىددىيچىلىكنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ماسكنى «پۈتۈنلەي ئەقلىدىن ئادىشىپتۇ» دېدى.

مىلياردېر ئېلون ماسك ئامېرىكادا ئامېرىكالىقلارنىڭ زور بىر قىسمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يېڭى بىر سىياسىي پارتىيەگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولسا، بىر مەزگىللىك يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان ماسك بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پىكرىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ماسك جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ئامېرىكادىكى «%80 لىك ئوتتۇرا قاتلام»غا ۋەكىللىك قىلىدىغان يېڭى بىر سىياسىي پارتىيەگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ماسك ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X دا ھەمبەھرىلىگەن يازمىسىدا: «خەلق گەپ قىلدى. ئامېرىكادا ئوتتۇرا قاتلامدىكى %80 نوپۇسقا ۋەكىللىك قىلىدىغان يېڭى بىر سىياسىي پارتىيەگە ئېھتىياج بار!» دېدى.

ئۇ يەنە: «ئىنسانلارنىڭ دەل %80 ى بۇ پىكىرگە قوشۇلىدۇ... بۇ مۇقەررەرلىك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ماسكنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ 5-ئىيۇن ئېلىپ بارغان بىر راي سىناشتىن نەقىل ئېلىنغان ئۇچۇرىغا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. راي سىناشتا، ئامېرىكانىڭ يېڭى بىر سىياسىي پارتىيەگە ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكى سورالغانىدى. راي سىناشقا تەخمىنەن 5.6 مىليون كىشى قاتناشقان بولۇپ، نەتىجىگە ئاساسلانغاندا، قاتناشقۇچىلارنىڭ %80.4 ى يېڭى بىر پارتىيەگە ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماسك يەنە شۇ راي سىناشتىن نەقىل ئېلىنغان باشقا بىر ئۇچۇرىدا، بۇ يېڭى پارتىيەنى كۆزدە تۇتۇپ «ئامېرىكا پارتىيەسى» (The America Party) دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى.

ئەمدى دوستلۇق قالمىدى

يەنە بىر تەرەپتىن، ترامپ ماسك بىلەن بولغان جىددىيچىلىكنى يۇمشىتىش ئۈچۈن تېلېفوندا سۆزلىشىشنى ئويلىمايدىغانلىقىنى، ھەتتا بىر ۋاقىتلاردا دوستلۇقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرغاندا سېتىۋالغان تېسلا ماشىنىسىدىن ۋاز كېچىشنىمۇ ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ جۈمە كۈنى كەچتە پىرېزىدېنت مەخسۇس ئايروپىلانى «Air Force One» بىلەن نيۇ جېرسېيدىكى گولف كۇلۇبىغا كېتىۋېتىپ مۇخبىرلارغا: «ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، مەن خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇنچە ئالدىراش ئىدىمكى... ئېلون ماسكنى ئويلاپمۇ قويمىدىم، پەقەت ئۇنىڭغا ياخشى تىلەكلىرىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

ترامپ كېيىنچە فوكۇس خەۋەرلىرى (Fox News) گە بەرگەن باياناتىدا، ماسكنىڭ «پۈتۈنلەي ئەقلىدىن ئاداشقانلىقى»نى ئېيتتى.

ترامپ يەنە ماسكنىڭ يېڭى بىر سىياسىي پارتىيە قۇرۇش تەكلىپىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ پارلامېنتتىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۆتكەن ھەپتە ماسكنىڭ ترامپنىڭ چىقىم قانۇن لايىھەسىنى تەنقىد قىلىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ماسك كېيىن ھۆكۈمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش بۆلۈمى باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.

بۇ تالاش-تارتىش بۇ ھەپتە تېخىمۇ كۈچەيدى. ماسك ترامپنى نۆۋەتتە پېچەتلەنگەن ھالەتتە تۇرۇۋاتقان جېففرېي ئەپشتايىن ھۆججەتلىرىدە ئىسمى بار دەپ ئەيىبلىدى.

بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىگە تايانغان ترامپ ماسكقا ھۆكۈمەت بىلەن تۈزىگەن توختاملىرىنى ۋە ياردەم پۇللىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

ئىزدىنىڭ
كىرېمىل سارىيى: كېلەر قېتىملىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ئامېرىكا سۆھبىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن
ئەردوغان: ئۇرۇش رايونغا كېڭىيىپ كەتمەستىن دەرھال توختىتىلىشى كېرەك
ئاراقچى ئامېرىكانىڭ «ئىران ھۇجۇم پىلانلانغان» دېگەن دەۋاسىنى «تولۇق ۋە مۇتلەق يالغان» دەپ رەت قىلدى
تىرامپ ھۈرمۈز بوغۇزىدىكى مىنالار سەۋەبلىك ئىرانغا «مىسلى كۆرۈلمىگەن» تەھدىت سالدى
ئاۋسترالىيە ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يەنە 2 ئەزاسىغا پاناھلىق بەردى
ب د ت يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنىڭ غەززەدىكى خىزمەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
رىياد ئىراننىڭ نېفىتلىككە قاراتقان يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالدى
پەزەشكىياننىڭ ئوغلى: يېڭى دىنىي رەھبەر ئۇرۇش جاراھەتلىرىگە قارىماي «ساق-سالامەت»
دوللار تەۋرىنىشكە باشلىدى
شىۋېيتسارىيەدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئاۋسترالىيەدىن پاناھلىق تىلەش قارارىدىن ۋاز كەچتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى
ئىران نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
سېئۇل-ۋاشىنگتون ھەربىي مانېۋىرى مەزگىلىدە پىيوڭياڭ ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى