خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
چەت ئەلدە ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكالىقلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەلچى تەيىنلەش تەلەپ قىلىندى
ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى چەت ئەلدە ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكىلىقلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەلچى تەلەپ قىلدى.
چەت ئەلدە ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكالىقلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەلچى تەيىنلەش تەلەپ قىلىندى
چەت ئەلدە ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكالىقلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەلچى تەيىنلەش تەلەپ قىلىندى / AA

بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىلىقلار چەت ئەلدە ئۆلتۈرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا، مۇستەقىل تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئائىلىلەرنى قوللاشنى مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرىدۇ.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارىيا كانتۋېل شەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەل ئارمىيەلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دائىملىق ئالاھىدە ئەلچى تەيىنلەشنى كۆزدە تۇتىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىن بولغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى كانتۋېل 2024-يىلى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا تېگى تۈرك، ئۆزى ئامېرىكا پۇقراسى كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىسى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

كانتۋېل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن لايىھەسى دائىرىسىدە ئالاھىدە ئەلچىنىڭ 2024-يىلدىن بۇيان چەت ئەل ئارمىيەلىرى ياكى ئىستىخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانتۋېل: «بۇ قانۇن لايىھەسى ئالاھىدە ئەلچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم ۋە ئۇچۇر بېرىشى، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ئائىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرى توغرىسىدا پارلامېنتقا يىللىق دوكلات سۇنۇشىنى مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Remembering Aysenur Ezgi Eygi: The struggle for justice continues

26 ياشلىق تۈركىيە-ئامېرىكا قوش دۆلەت پۇقراسى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگى 2024-يىلى 6-سېنتەبىر نابلىسقا يېقىن جايدىكى قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلارغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن قەستەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

كۆرۈنۈشلەر ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى ئەيگىنىڭ ئىسرائىلىيەلىك بىر مەرگەن تەرىپىدىن نىشانغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

دەلىللەرنىڭ بارلىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئارمىيەنىڭ تاش ئاتتى دېگەن نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشى جەريانىدا ئەيگىنىڭ «ۋاسىتىلىق ۋە قەستەن بولمىغان ھالدا» ئوق تېگىش ئېھتىماللىقىنىڭ «يۇقىرى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

كانتۋېل تاشقى ئىشلار ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىكقلىرىنىڭ ھازىرغىچە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئەيگىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا تەكشۈرۈش تەلەپ قىلغان باشقا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز