خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى شىمالىي كورېيەنىڭ دۈشەنبە كۈنى ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
2026-يىلى 12-ئۆكتەبىر، پيوڭياڭ بىر قانچە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقاندىن كېيىن، سېئۇلدىكى بىر ئېكراندا شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىگە ئائىت ئارخىپ كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلمەكتە.

يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتابى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 9 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە (گىرىنۋىچ ۋاقتى 00:20) پيوڭياڭ رايونىدىن ئېتىلغانلىقىنى بايقىغان. بومبىلار 900 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلىش ئېھتىمالىغا قارشى كۆزىتىش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىلەن ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھرىلەۋاتقانلىقىنى ھەمدە ھوشيارلىق ھالىتىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش، شىمالىي كورېيەنىڭ 3-ئۆكتەبىردە ۋونساندىن گىپېرسونىك، يەنى ئاۋازدىن نەچچە ھەسسە تېز دەپ مۆلچەرلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىشىدىن بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە يۈز بەردى. پيوڭياڭ ئالدىنقى سىناقنى گىپېرسونىك ئىستراتېگىيەلىك قورال سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان قىسىملارنىڭ مەشىقى دەپ چۈشەندۈرگەنىدى.

جىددىيچىلىك كۈچەيمەكتە

جەنۇبىي كورېيە ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە، پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ گىپېرسونىك سىيرىلىپ ئۇچۇش ئاپپاراتىنى تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بەردى.

ياپونىيەمۇ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا دەپ گۇمان قىلىنغان ئىككى بومبىنى بايقىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونى سىرتىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەڭ يېڭى قويۇپ بېرىشلەر، 21-سېنتەبىردە ھەربىيلەردىن خالىي رايوندا ئۈچ جەنۇبىي كورېيە ئەسكىرىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان مىنا پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن جىددىيچىلىك كۈچەيگەن بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

سېئۇل ب د ت بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتىن كېيىن، شىمالىي كورېيە قىسىملىرىنى مىنالارنى قەستەن ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

پيوڭياڭ بۇ ۋەقەگە مەسئۇل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، سېئۇلنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە ھەر قانداق ھەربىي قارشى ھەرىكەتكە قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

شىمالىي كورېيە دۈشەنبە كۈنىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشلەر ھەققىدە تېخى بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە