سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: ھورمۇز بوغۇزى ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە بارلىق سودا پاراخوتلىرىغا ئېچىۋېتىلىدۇ
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ماس ھالدا، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە بارلىق سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە تولۇق ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىران: ھورمۇز بوغۇزى ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە بارلىق سودا پاراخوتلىرىغا ئېچىۋېتىلىدۇ
بىر يۈك پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ يېنىدا ساقلاپ تۇرماقتا. رويتېرس. / Reuters

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى جۈمە (2026-يىلى 17-ئاپرېل) كۈنى ئېكس ئادرېسىدا (X) ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، سودا پاراخوتلىرىنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشىنىڭ، ئىران پورت ۋە دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى ئىلگىرى ئېلان قىلغان ماسلاشتۇرۇلغان يۆنىلىشلەر بويىچە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ ئۇقتۇرۇشىنى قارشى ئالدى.

ترامپ جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مېديا (Truth Social) سۇپىسىدا «رەھمەت!» دەپ يازدى ۋە ئىراننىڭ بۇ تار دېڭىز بوغۇزىنى «تولۇق ئېچىۋېتىلدى ۋە پاراخوتلارنىڭ ئۆتۈشىگە تەييار» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما ئۇ، تېھران بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىران پورتلىرىنى قامال قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

28-فېۋرال (2026)، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى باشلانغاندىن بۇيان، بوغۇزدىكى قاتناش ئىنتايىن ئاقسىغان بولۇپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى قىسقا مۇددەتلىك ئۆرلەشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۈندىلىك ئۆتۈش سانى ئاساسەن تاق خانىلىق ساندا قالغان.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى چەكلىمىسى پاراخوت ئىگىلىرىدىن نېفىت ۋە باشقا ماللارنى قولتۇقتىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ھەم ئىران، ھەم ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن رۇخسەت ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ يۈك ئوبوروتىغا نىسبەتەن مۇجىمەللىكنى ئاشۇرۇۋەتكەن ئىدى.

گەرچە ئۆتكەن ھەپتە ئىرانغا تەۋە بولمىغان خام نېفىت قاچىلانغان ئۈچ دەرىجىدىن تاشقىرى نېفىت پاراخوتى قولتۇقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما قامال قىلىشتىن بۇرۇنقى يەتتە ھەپتە ئىچىدە بۇ دېڭىز يولىدىن ئۆتكەن پاراخوتلار ئىنتايىن ئاز بولغان.

 شالامار (Shalamar) ناملىق نېفىت پاراخوتى دەسلەپتە يەكشەنبە (2026-يىلى 12-ئاپرېل) كۈنى قولتۇققا كىرىشكە تىرىشقان، ئەمما ئامېرىكا-ئىران تىنچلىق سۆھبىتى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن كەينىگە قايتقان ئىدى. كېيىنچە بۇ پاراخوت بوغۇزدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، داس ئارىلىغايېتىپ  (Das Island) باردى ۋە ئۇ يەردىن خام نېفىت قاچىلاپ، پەيشەنبە (16-ئاپرېل)  كۈنى شەرققە قاراپ يولغا چىقتى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى پەيشەنبە (16-ئاپرېل) كۈنى، ئۆتكەن ئۈچ كۈن ئىچىدە 14 پاراخوتنىڭ كەينىگە قايتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ نۇرغۇن پاراخوت خوجايىنلىرىنىڭ ھازىرقى شارائىتتا بوغۇزدىن ئۆتۈش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قامال رايونى ئومان قىرغىقىدىكى راس ئەل ھادتىن تارتىپ ئىران-پاكىستان چېگراسىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Why the US-Iran Hormuz tug-of-war is unlikely to see an outright winner
ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە