مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۈچ ئالىمغا نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى بېرىلدى
سۇسۇمۇ كىتاگاۋا (Susumu Kitagawa)، رىچارد روبسون (Richard Robson) ۋە ئۆمەر ياغى (Omar Yaghi) 2025-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئۈچ ئالىمغا نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى بېرىلدى
نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياپونىيەلىك ئالىم سۇسۇمۇ كىتاگاۋا. سۈرەت: ئا پ. / AP

ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپا ماتېرىيالشۇناسلىقتا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك رول ئوينىغان ھەمدە پاكىزە ئېنېرگىيە ۋە گاز ساقلاشتا ھەل قىلىش چارەلىرى بىلەن تەمىنلىگەن مېتال-ئورگانىك قۇرۇلمىلارنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

نوبېل مۇكاپاتى ئورگىنىنىڭ چارشەنبە (8-ئۆكتەبىر) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، ئالىملار «مېتال-ئورگانىك رامكالار (گىرۋەك) نى تەرەققىي قىلدۇرۇش» توغرىسىدىكى تەتقىقات خىزمەتلىرى ئۈچۈن 2025-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بىر ئەسىردىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە نوبېل مۇكاپاتى، شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر 11 مىليون شىۋېتسىيە كرونى (تەخمىنەن 1.2 مىليون دوللار) بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئىلىم-پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنىڭ شەرىپىگە مۇيەسسەر بولىدۇ.

نوبېل مۇكاپاتى ئورگىنىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر مېتال-ئورگانىك رامكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خىمىكچىلارغا بىز ئۇچراۋاتقان بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى.»

بۇ يىللىق (2025) مۇكاپاتلار ئىچىدە ئەنئەنە بويىچە تېببىي پەن ۋە فىزىكا مۇكاپاتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى ئۈچىنچى بولۇپ ئېلان قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Quantum leaps: Trio win Nobel Physics Prize for breakthroughs that made quantum theory tangible

شىۋېتسىيەلىك كەشپىياتچى ۋە سودىگەر ئالفرېد نوبېل (Alfred Nobel) نىڭ ۋەسىيىتى بىلەن قۇرۇلغان فوندى جەمئىيىتى 1901-يىلىدىن باشلاپ، دۇنيا ئۇرۇشلىرى سەۋەبىدىن بېرىلمەي قالغان بىر نەچچە قېتىملىقىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق ساھەلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتىنى ئىزچىل تارقىتىپ كەلدى.

نوبېلنىڭ ئۆزى بىر خىمىك ئىدى. 19-ئەسىردە ئۇنىڭ دىنامىتنى كەشىپ قىلىپ تاپقان بايلىقى بۇ ماكاپاتلارنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى كېيىنچە شىۋېتسىيە مەركىزىي بانكاسى تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىپ، مۇكاپات تىزىملىكىگە قوشۇلدى.

نوبېل خىمىيە مۇكاپاتلىرى بەزىدە فىزىكا، ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق ساھەلىرىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق كىشىلەرنىڭ كۆلەڭگىسدە قالسىمۇ، يادرو بۆلۈنۈشى، د ن ئا (DNA) گېن تىزىلىش تېخنىكىسى ۋە ئېچىتقۇ (پاگى) قاتارلىق نۇرغۇن تەسىرى كۈچلۈك بايقاشلارنى ئىسپاتلىدى.

ئۆتكەن يىللىق (2024) نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى ئامېرىكالىق ئالىملار داۋىد بەيكېر (David Baker) ۋە جون جامپېر (John Jumper) بىلەن ئەنگلىيەلىك دېمىس خاسسابىس (Demis Hassabis) قا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاقسىللارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ھەل قىلىش ۋە يېڭى ئاقسىللارنى ھاسىل قىلىش تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە، دورا تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەردە زور ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى