مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۈچ ئالىمغا نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى بېرىلدى
سۇسۇمۇ كىتاگاۋا (Susumu Kitagawa)، رىچارد روبسون (Richard Robson) ۋە ئۆمەر ياغى (Omar Yaghi) 2025-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئۈچ ئالىمغا نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى بېرىلدى
نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياپونىيەلىك ئالىم سۇسۇمۇ كىتاگاۋا. سۈرەت: ئا پ.
2025-يىلى10-ئاينىڭ8-كۈنى

ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپا ماتېرىيالشۇناسلىقتا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك رول ئوينىغان ھەمدە پاكىزە ئېنېرگىيە ۋە گاز ساقلاشتا ھەل قىلىش چارەلىرى بىلەن تەمىنلىگەن مېتال-ئورگانىك قۇرۇلمىلارنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

نوبېل مۇكاپاتى ئورگىنىنىڭ چارشەنبە (8-ئۆكتەبىر) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، ئالىملار «مېتال-ئورگانىك رامكالار (گىرۋەك) نى تەرەققىي قىلدۇرۇش» توغرىسىدىكى تەتقىقات خىزمەتلىرى ئۈچۈن 2025-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بىر ئەسىردىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە نوبېل مۇكاپاتى، شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر 11 مىليون شىۋېتسىيە كرونى (تەخمىنەن 1.2 مىليون دوللار) بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئىلىم-پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنىڭ شەرىپىگە مۇيەسسەر بولىدۇ.

نوبېل مۇكاپاتى ئورگىنىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر مېتال-ئورگانىك رامكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خىمىكچىلارغا بىز ئۇچراۋاتقان بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى.»

بۇ يىللىق (2025) مۇكاپاتلار ئىچىدە ئەنئەنە بويىچە تېببىي پەن ۋە فىزىكا مۇكاپاتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى ئۈچىنچى بولۇپ ئېلان قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Quantum leaps: Trio win Nobel Physics Prize for breakthroughs that made quantum theory tangible

شىۋېتسىيەلىك كەشپىياتچى ۋە سودىگەر ئالفرېد نوبېل (Alfred Nobel) نىڭ ۋەسىيىتى بىلەن قۇرۇلغان فوندى جەمئىيىتى 1901-يىلىدىن باشلاپ، دۇنيا ئۇرۇشلىرى سەۋەبىدىن بېرىلمەي قالغان بىر نەچچە قېتىملىقىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق ساھەلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتىنى ئىزچىل تارقىتىپ كەلدى.

نوبېلنىڭ ئۆزى بىر خىمىك ئىدى. 19-ئەسىردە ئۇنىڭ دىنامىتنى كەشىپ قىلىپ تاپقان بايلىقى بۇ ماكاپاتلارنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى كېيىنچە شىۋېتسىيە مەركىزىي بانكاسى تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىپ، مۇكاپات تىزىملىكىگە قوشۇلدى.

نوبېل خىمىيە مۇكاپاتلىرى بەزىدە فىزىكا، ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق ساھەلىرىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق كىشىلەرنىڭ كۆلەڭگىسدە قالسىمۇ، يادرو بۆلۈنۈشى، د ن ئا (DNA) گېن تىزىلىش تېخنىكىسى ۋە ئېچىتقۇ (پاگى) قاتارلىق نۇرغۇن تەسىرى كۈچلۈك بايقاشلارنى ئىسپاتلىدى.

ئۆتكەن يىللىق (2024) نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى ئامېرىكالىق ئالىملار داۋىد بەيكېر (David Baker) ۋە جون جامپېر (John Jumper) بىلەن ئەنگلىيەلىك دېمىس خاسسابىس (Demis Hassabis) قا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاقسىللارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ھەل قىلىش ۋە يېڭى ئاقسىللارنى ھاسىل قىلىش تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە، دورا تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەردە زور ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكادا تۈرك سىمىتىگە بولغان قىزىقىش پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيمەكتە
«نۆل ئەخلەت» ھەرىكىتى 8-يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ
ئەمىنە خانىم سۇنى قىرغىنچىلىق قورالى قىلىپ پايدىلىنىۋاتقان «قاراڭغۇ بىر دەۋر» ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
گۆبەكلتەپەدىن كەلتۈرۈلىدىغان ئەسەرلەر گېرمانىيەدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ
پارىژ ئايتماتوفنى خاتىرىلەش يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلدى
كۆچ فىنلاندىيەنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارەسى بولۇشى مۇمكىن
نوبېل كومىتېتى : ترامپنىڭ تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئارزۇسى بىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ
سامى يۈسۈپ ئىستانبۇلدىكى كونسېرتىدا  مىڭلىغان كىشىنى ھاياجانغا سالدى
كانادادا ئىسلاموفوبىيە ۋە پەلەستىندىن نەپرەتلىنىش جىنايەتلىرى %1800 ئاشتى
تۈركىيە رىمدا ئېچىلغان كۆرگەزمىدە مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنى نامايان قىلماقتا
سەئۇدى ئەرەبىستان غايەت زور ھەج پائالىيىتى بىلەن تەڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى
لىۋىيەلىك ھاجى نامزاتىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى،  ئايروپىلان ئىككى قېتىم بۇزۇلدى
تۈركىيە ئېتنوسپورت فېستىۋالى ئىسرائىلىيە غەززەدە قەتلى قىلغان بالىلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى
ترامپ «يېڭى پاپا نامزاتى» چاقچىقىدىن كېيىن، سۈنئىي ئەقىل لايىھەلىگەن ھەجۋى رەسىمنى ھەمبەھرىلىدى
ترامپ ئىككى بايرامنى «غەلىبە كۈنى» دەپ ئۆزگەرتمەكچى
ئوسمان ھامدى ئەپەندىنىڭ ماي بوياق  رەسىمى لوندوندا 1 مىليون ستېرلىڭغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى
ئۆچمەنلىك جىنايىتى: بىر مۇسۇلمان ئايال تورونتو كۇتۇپخانىسىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
لۇۋېر مۇزېيىدا «موننا لىزا» غا مەخسۇس زال ئاجرىتىلدى
تۈركىيەلىك سەنئەتچىلەر زەنجىبارنىڭ دېڭىز قىرغىقى ئىقتىسادىنى سەنئەت بىلەن جانلاندۇرماقتا