خىتاي نېتانياھۇنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى

تېل ئاۋىۋدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئىسرائىلىيەنىڭ پەقەت ھەربىي ھەرىكەت ۋە غەززەنى ئۈزلۈكسىز بومباردىمان قىلىشقىلا ئەمەس، بەلكى «سىياسىي ئەقىل» گە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى: «خىتاي ئىسرائىلىيە رەھبىرىنىڭ سۆزىدىن ھەيران قالدى» دېدى. سۈرەت: ئا پ. / AP

خىتاي ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئۇچۇر قامال قىلدى» دېگەن ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى ۋە بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى  گېزىتى (Global Times) نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ نېتانياھۇنىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ۋە خىتاي-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەيىبلەشلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە ھېس قىلغانلىقىنى ۋە قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى: «خىتاي ئىسرائىلىيە رەھبىرىنىڭ سۆزىدىن ھەيران قالدى» دېگەن.

خىتاي بۇ باياناتىنى، نېتانياھۇ يېقىندا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەتلەرنى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئۇچۇر قامال قىلىش» نى باشلىغانلىقىنى ئېيتىپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە سىياسىي ئەقىل ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچى دىپلوماتىيەگە موھتاج

خىتاي ئەلچىخانىسى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىكى تەنقىدلەرنى خىتايغا قارىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ۋە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى چاقىرىق قىلىشتا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسرائىلىيە پەقەت ھەربىي ھەرىكەت ۋە ئۈزلۈكسىز بومباردىمان قىلىشقىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي ئەقىل ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچى دىپلوماتىيەگە موھتاج.»

خىتاي ئەلچىخانىسى ئىسرائىلىيەنى خەلقئارانىڭ چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سېلىشقا، غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ۋە تېخىمۇ چوڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلۇشقا چاقىردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان، غەززەدە 65 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار.

توختىماي بومباردىمان قىلىش سەۋەبىدىن بۇ رايون ئادەم ياشىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلدى، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر تارقالدى.